شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوندون، 23 – فېۋرال تېلېگراممىسى. ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى ئېنگلاند بانكىسى 23 – فېۋرال ئېلان قىلغان پۇل سىياسىتىنى بەلگىلەش يىغىن خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى بۇ يىل داۋاملىق يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پۇل سىياسىتى جەھەتتىكى ئىختىلاپ چوڭايغان.
ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى مۇشۇ ئاينىڭ 9 – ،10 – كۈنى ئاچقان پۇل سىياسىتىنى بەلگىلەش يىغىنىدا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە بولغان %0.5 يېتەكچى ئۆسۈم نىسبىتىنى داۋاملىق ساقلاش قارار قىلىندى. شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان يىغىن خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەركىزىي بانكا پۇل سىياسىتى كومىتېتىنىڭ توققۇز ئەزاسىنىڭ ئۈچى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، تېز ئۆسۈۋاتقان پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى توسۇشنى تەلەپ قىلغان. بىر ئەزا ئۆسۈم نىسبىتىنى %0.5 پوئېنت ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ قارىغان.
ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى 2009 – يىلى 3 – ئايدىن بۇيان تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە بولغان %0.5 يېتەكچى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى. لېكىن، بۇلتۇر 4 – پەسىلدە ئىقتىساد چېكىنگەچكە، شۇنداقلا پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئۆسكەچكە، ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پۇل سىياسىتىنىڭ يۈزلىنىشى توغرىسدىكى ئىختىلاپ چوڭايغان.