شىنخۇا تورىنىڭ 24-فېۋرال خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھ بىن ئابدۇل ئەزىز 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ماراكەشتىن ئايرىلىپ دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ماراكەشنىڭ كاسابۇلانكا شەھىرىگە بېرىپ ئىككى ئاي داۋالىنىشنى قارار قىلغان ئىدى. پادىشاھ ئابدۇللاھ بۇ يىل 86 ياش بولۇپ، دۈمبە ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلى بولغان. بۇلتۇر 11-ئايدا، دۈمبىسىدىكى قان نوكچىسى نېرۋىنى بېسىۋالغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن كېسىلى مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن، 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى نيوركقا بېرىپ ئوپىراتسىيە قىلدۇرغان.
ئابدۇللاھ شۇ كۈنى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كاسابۇلانكىدىن ئايرىلغان. پادىشاھنىڭ ئاتا بىر، ئانا بۆلەك ئىنىسى، ۋەلىئەھىد قوشۇمچە مۇئاۋىن باش ۋەزىر ۋە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى سۇلتان ۋە ئىككىنچى مۇئاۋىن ۋەزىر نايىف باشچىلىقىدىكى نەچچە يۈز ئەمەلدار ۋە ئامما سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالغان.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولىۋاتقان بەھرەيىن پادىشاھى ھاماد بىن ئىسا خەلىپىمۇ ئايرودرومدا پادىشاھ ئابدۇللاھنى ساقلىغان.
پادىشاھ ئابدۇللاھ قايتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخباراتى تۇرالغۇ، مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق راسخوتىنى كۆپەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بەھرەيىن پادىشاھى ھاماد 23-فېۋرال سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ بېرىپ زىيارىتىنى باشلىغان، شۇ كۈنى كېسەل داۋالىتىپ قايتىپ كەلگەن پادىشاھ ئابدۇللاھ بىلەن بەھرەيىن ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.
مەنبە: شىنخۇا تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!