جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
يېڭى زېللاندىيە كىرىستچارچ پادىشاھ مائارىپ ئىنستىتۇتى تورىدا 24-فېۋرال ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: كىرىستچارچدا 22- فېۋرال 6.3 بال قاتتىق يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، بۇ مەكتەپتىكى كۆپلىگەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كىرىستچارچ پادىشاھ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا جۇڭگولۇق 32 ئوقۇغۇچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 10 يېقىن كىشىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلانغان. جۇڭگونىڭ يېڭى زېللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باش ئەلچى شۈ جىيەنگو ئەلچىخانا خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنى يوقلىغان ھەمدە يېڭى زېللاندىيەنىڭ ياردەم بەرگۈچى تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىپ، قارشى تەرەپنىڭ قامىلىپ قالغان جۇڭگولۇق پۇقرالارنى پائال تۈردە قۇتۇلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان. ھازىر ئەلچىخانا جۇڭگولۇقلارنىڭ قازا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان.
يېڭى زېللاندىيە پىرېزىدېنتى جون كىي 23-فېۋرال پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يەر تەۋرەشتە ئاز دېگەندە 92 كىشى قازا قىلدى، 300 كىشى يوقاپ كەتتى.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت