23–فېۋرال كەچتە ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگو كەسپىي ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ( CBA ) نىڭ 27–ئايلانمىسىدا ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا سەنشى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى . نەتىجىدە ، شىنجاڭ كوماندىسى 100 گە قارشى 124 نەتىجە بىلەن سەنشى كوماندىسىنى ئۇتۇپ ، بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىكى 25–مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى .
شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسىدىكى كۇنسىي دۇۋبىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ، 34 نومۇر ئېلىپ ، 7 قېتىم ھۇجۇم پاس بەردى . سىڭلېتون 30 نومۇر ئالدى .