ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>تەنتەربىيە>

بۇ يىل قىشتا بۇغدا كۆلى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا مۇسابىقە كۆپ بولىدۇ

2010-يىلى12-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: قەيسەر
     جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشى نەتىجىسىدە، چاڭغا تېيىلىش شىنجاڭدا تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ يىل قىشتىن با
  

    جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشى نەتىجىسىدە، چاڭغا تېيىلىش شىنجاڭدا تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ يىل قىشتىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىدا يەنە بىر ‹‹قارا تۇلپار›› مەيدانغا كەلدى.

    شىنجاڭنىڭ قىشلىق قار – مۇز ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلام چاڭغا تېيىلىش تەنھەرىكىتى››نى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بۇ يىل قىشتا ھەر خىل چوڭ تىپتىكى پائالىيەت ۋە مۇسابىقىلەرنى قانات يايدۇرماقچى بولدى: بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹ئۈرۈمچى – سانجى ئاھالىلىرىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە چاڭغا تېيىلىش›› پائالىيىتى، ‹‹ئاسايىشلىق كۈنى قارلىق دالىدا نىقابلىق سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىش مۇسابىقىسى››، ‹‹بۇغدا كۆلى ئۆسمۈرلەر لوڭقىسىنى تالىشىش چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى››، 1 – ئاينىڭ بېشىدىن 1 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹مېھرىبانلىق ئەلچىسى تېمىسىدىكى چاڭغا تېيىلىش كۈنى›› پائالىيىتى بار. ۋاقتى كەلگەندە، ھەر ھەپتىدە ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، سېسترا، ھەربىي – ساقچى، تازىلىق ئىشچىسى قاتارلىق مېھرىبانلىق يەتكۈزگۈچىلەرنى باش تېما قىلغان چاڭغا تېيىلىش پائالىيىتى تەسىس قىلىنىدۇ؛ 2 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ‹‹بۇغدا كۆلى قەھرىمانى›› قار – مۇزغا خىرىس قىلىش مۇسابىقىسى پائالىيىتى، ‹‹قار ئۈستىدە بالېت ئويناش بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش›› پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە ئۆز رايونىمىزدىكى ھەر مىللەتنىڭ ئۇسسۇل ئارتىسلىرى قاردا ماھارەت كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ؛ پائالىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ‹‹شىنجاڭ خەلقىنىڭ چاڭغا تېيلىش بويىچە نومۇر جۇغلاش مۇسابىقىسى››نى ئويۇشتۇرىدۇ.

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!