
كورىيەنىڭ 30 - دېكابىر ئېلان قىلىنغان ‹‹ 2010 - يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى ›› دىكى كورىيە - چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ھەققىدە : ‹‹ چاۋشيەن ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ›› دەپ بايان قىلىنغان ۋە 2004 - يىلى ئۆچۈرۋېتىلگەن ‹‹ چاۋشيەن بىزنىڭ ئاساسلىق دۈشىنىمىز ›› دېگەن قىسمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن .
يېقىندا ، چاشيەن ئۈچ ئارمىيە مانېۋىرى ۋە چېگرا رايونغا تانكا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللانغان .
يېڭى نەشىردىن چىققان بۇ ‹‹ دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى ›› دا : ‹‹ چاۋشيەن كەڭ كۆلەمدە دائىملىق ھەربىي ئىشلار كۈچىنى كۈچەيتىپ ، يادرو قوراللار ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلىش خاراكتېرلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، ‹‹ تيەنئەن ›› ناملىق كېمە ۋەقەسى ۋە يەنپىڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىدەك ‹‹ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى ›› نى قوزغاپ ، كورىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى . موشۇنداقلا تەھدىت مەۋجۈت بولىدىكەن ، ‹‹ چاۋشيەن ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ›› دېيىلگەن .
كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 2004- يىلىدىكى ‹‹ دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى ›› دىكى ‹‹ چاۋشيەن بىزنىڭ ئاساسلىق دۈشمىنىمىز ›› دېگەن بايان ئۆچۈرۋېتىلگەندىن بۇيان ، تۇنجى قېتىم ‹‹ چاۋشيەن بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ›› دېگەن بايان قايتا پەيدا بولغان . كورىيە ئارمىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك زاتنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئەسلىدىكى ‹‹ ئاساسلىق دۈشمەن ›› دېگەن ئۇقۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەن .
2004 - يىلى ، ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ لۇ ۋۇشۈەن يۈرگۈزگەن ‹‹ قۇياش سىياسىتى ›› دا ‹‹ ئاساسلىق دۈشمەن ›› ، ‹‹ بىۋاستە ھەربىي تەھدىت ›› ۋە ‹‹ ئەمەلىيەتتىكى چاۋشىيەن ھەربىي تەھدىتى ›› غا ئۆزگەرتىلگەن .
2008 - يىلى لى ميۇڭباك ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن ، ‹‹ 2008 - يىلدىكى دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى ›› دا : ‹‹ چاۋشيەننىڭ دائىملىق ھەربىي كۈچى ، يادرو قوراللار ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق كەڭ كۆلەمدە قىرغىن قىلىش خاراكتېرلىك قوراللارنى تەتقىق قىلىشى ۋە كۈچەيتىشى كورىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە ۋە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى ›› دەپ بايان قىلىنغان .
بۇ يىلدىن بۇيان ، چاۋشيەن بىلەن كورىيە ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش ئۈزۈلمىدى ، كورىيە ھۆكۈمىتى چاۋشيەنگە بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ دەرىجىسىنى قايتىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، چاۋشيەننى رەسىمىي ۋە ئاشكارا ھالدا ‹‹ دۈشمەن ›› دەپ ئاتىدى .