يەمەن ھۆكۈمىتى 30-دېكابىر شىئە مەزھىپىدىكى Houthi ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭچى تەشكىلاتنىڭ 400 دىن كۆپ ئادىمىنى قويۇپ بەرگەن. بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن.
ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭچىلار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، يەمەن ھۆكۈمىتى قاتار دۆلىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشى بىلەن، يەمەننىڭ شىمالىدىكى توپىلاڭچى قوشۇنHouthi قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 400 دىن كۆپ ئادىمىنى قويۇپ بەرگەن.
ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ باياناتىدا، ھازىرغا قەدەر تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن 428 نەپەر خادىمىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى دېيىلگەن.
2004-يىلى، خوسى جەمەتى رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق كۈچلەر يەمەننىڭ شىمالىدىكى سادا ئۆلكىسىدە توپىلاڭ كۆتۈرگەن. 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، خوسى توپىلاڭچىلىرى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشقان. 2010-يىلى2-ئاينىڭ 11-كۈنى، يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن 6 تۈرلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان، ئەمما كېيىن ئىككى تەرەپ بىر بىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى. 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن خوسى توپىلاڭچىلىرى قاتار پايتەختى دۇھادا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.
مەنبە: ئەل-جەزىرە تورى(نەپرەت)