ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

بوران 1800 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي يادىكارلىقنى تېپىپ بەردى

2010-يىلى12-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
  يەر ئاستىدا تەخمىنەن 1650 ~ 1800 يىللار كۆمۈلۈپ ياتقان ھەيكەل       ‹‹ دۆلەت زېمىنى گېزىتى ›› 14–دېكابىر تېلېگراممىسى : ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ھۇجۇم قىلغان بوران–چاپقۇن ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان قەدىمىي يادىكارل
  
 
يەر ئاستىدا تەخمىنەن 1650 ~ 1800 يىللار كۆمۈلۈپ ياتقان ھەيكەل 
 
   ‹‹ دۆلەت زېمىنى گېزىتى ›› 14–دېكابىر تېلېگراممىسى : ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ھۇجۇم قىلغان بوران–چاپقۇن ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان قەدىمىي يادىكارلىق ئورنلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىش بىلەن بىرگە ، يەر ئاستىدا تەخمىنەن 1650 ~ 1800 يىللار كۆمۈلۈپ ياتقان بىر ھەيكەلنى ‹‹ يورۇقلۇق ›› قا چىقىرىپ قويغان . 

   بۇ ئايال ھەيكەلنىڭ رەڭگى ئاق ، بېشى يوق ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى 1.2 مېتىر بولۇپ ، قەدىمكى رىم دەۋرىگە تەۋە ئىكەن. تەھلىل قىلىنىشىچە ، بۇ ھەيكەل تېپىلغان ئورۇن ئەسلى سەراپتا ئىكەن .

   ئارخېئولوگلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، بۇ ھەيكەل ئەينى ۋاقىتتا ئىتالىيە ، گرېتسىيە ياكى كىچىك ئاسىيا رايونلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ ، ئۇ ھەتتا رىم رىۋايەتلىرىدىكى ئايال ئىلاھ  ئافرودىت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن . بۇ ئايال ھەيكەل ئۇزۇن تون كىيىپ ، بىر تۈۋرۈككە يۆلىنىپ تۇرغان ھالەتتە ناھايىتى نەپىس ئويۇلغان .

( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!