ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى ۋەقەسىدە 20 نەچچە ئادەم قازا قىلدى ۋە يارىلاندى

2010-يىلى12-ئاينىڭ28-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: قەيسەر
       شىنخۇا تورى كابۇل 27 ــ دېكابىر تېلېگراممىسى : ئافغانىستان ساقچى تەرەپ 27–دېكابىر چۈشتىن كېيىن ، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر قەندىھاردا ئاپتوموبىل بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 20 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەم يارىلانغانلىقىنى ، ئۇ
  

 

    شىنخۇا تورى كابۇل 27 ــ دېكابىر تېلېگراممىسى : ئافغانىستان ساقچى تەرەپ 27–دېكابىر چۈشتىن كېيىن ، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر قەندىھاردا ئاپتوموبىل بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 20 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەم يارىلانغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى .

    قەندىھار ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇجاخىدنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە ، شۇ كۈنى چۈشتە ،  بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئاپتوموبىل كابۇل بانكىسىنىڭ قەنداھار تارماق بانكىسى يېنىدا پارتلىغان بولۇپ ، پارتلاشتا ئەتراپتىكى ئۈچ ساقچى ئاپتوموبىلى ۋەيران بولغان . ‹‹ بومبا تىزگىنەك ئارقىلىق پارتلىتىلغان بولۇپ ، نىشان بانكىدىن مائاش ئېلىۋاتقان ساقچىلار ئىكەن . ۋەقەدە ئاز دېگەندە بىر ئادەم قازا قىلغان ، 20 ئادەم يارىلانغان ، يارىلانغانلارنىڭ 14 ى ساقچى ، ئالتىسى پۇقرا ئىكەن .

    بىراق ، نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۆپ ئىكەن . قەندىھاردىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ خادىمى مۇخبىرغا ، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ جەسەتنىڭ دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتقان .

 
 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!