12-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكىلىق 6 نەپەر ئايال ۋە 2 نەپەر ئەر ساياھەتچى مىسىرنىڭ ئاسۋاندا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن.
بۇنىڭدىن سىرت 19 نەپەر ئامېرىكىلىق ساياھەتچى ۋە مىسىرلىق ئاپتوبۇس شوپىرى ۋە ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ 21 ئادەم يارىلانغان.
جەمئىي 116 نەپەر ئامېرىكىلىق ساياھەتچى ئۈچ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ماڭغان. مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ دېيىشىچە، 37 ئادەم چىققان ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قۇم قاچىلاپ ماڭغان يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ كەتكەن.
ئاسۋان مىسىرنىڭ داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قاھىرەگە 1000 كىلومېتىر كېلىدۇ.
مەنبە:CNN تورى(نەپرەت)