مىسىرنىڭ شىمالىدىكى ئىسكەندەرىيە( Alexandria ) شەھىرىدە بىر چېركاۋنىڭ يېنىدا ماشىنا پارتىلاپ ھازىرغا قەدەر 10 ئادەم ئۆلگەن ۋە 24 ئادەم يارىدار بولغان. ۋەقە 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر 00:30 ئەتراپىدا كۇپىت خىرىستىئانلىرى يېڭى يىلىنى تەبرىكلەۋاتقاندا يۈز بەرگەن.
بىر ماشىنا ئىسكەندەرىيە شەھىرىنىڭ Sidi Bechr رايونىدا توختىتىپ قويۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي پارتىلىغان.
ساقچىنىڭ دېيىشىچە، بومبىنى قانداق پارتىلاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن، ھازىر نەق مەيداننى تەكشۈرىۋېتىپتۇ.
پارتىلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىخەتەرلىكتىن نارازى بولغان خىرىستىئان مۇرىتلىرى نەق مەيدانغا يېىتىپ كەلگەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇشقان.
توقۇنۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر يارىدار بولغان، ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ كىشىلەرنى تارقىتىپ تاشلىغان.
مەنبە: ئەل-جەزىرە تورى(نەپرەت)
BBC ۋەCNN تورىنىڭ 31-دېكابىردىكى خەۋىرىنىڭ MP3 ھۆججىتىنى چۈشۈرىۋېلىڭ