ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

چىلىدا قاتتىق يەر تەۋرىدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:www.news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
1-ئاينىڭ 2-كۈنى، چىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا 7.1 بال قاتتىق يەر تەۋرىگەن، دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىگەن نەچچە مىڭ ئامما ئالاقىزادە بولۇپ ئۆيلىرىدىن چىقىپ كەتكەن. ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، ئادەم ئۆلىش-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغانلىقى
  


1-ئاينىڭ 2-كۈنى، چىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا 7.1 بال قاتتىق يەر تەۋرىگەن، دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىگەن نەچچە مىڭ ئامما ئالاقىزادە بولۇپ ئۆيلىرىدىن چىقىپ كەتكەن. ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، ئادەم ئۆلىش-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر يوق ئىكەن.
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش چىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى تېمۇكو (Temuco) شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 70 كىلومېتىر كېلىدىغان  Tirua رايونىدا شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:21 ئۆتكەندە يۈز بەرگەن. تەۋرەش مەركىزى چىلى پايتەختى سانتىياگو بىلەن 595 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
ئامېرىكا گىئولوگىيە تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەۋرەش چوڭقۇرلىقى 17 كىلومېتىر بولغان، ئاز دېگەندە بىر قېتىم 5 بال قالدۇق يەر تەۋرىگەن.
تىنچ ئوكيان قىرغىقى رايونىدا دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يوق ئىكەن، يەرلىك ھۆكۈمەت ئېگىز جايلارغا چىقىۋالغان ئاممىنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى ئۆيلىرىگە قايتىشقا دەۋەت قىلغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!