
مالدىۋ جۇمھۇرىيىتى قىسقارتىلىپ مالدىۋ دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇ ھىندى ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى بولۇپ ، 1190 دەك مارجان خادا تاش ئارىلىدىن تەشكىللەنگەن 26 ئاتول (ھالقا شەكلىدىكى مارجان ئارال) بۇ دۆلەتنى شەكىللەندۈرگەن. دۆلەت زېمىنىنىڭ جەنۇب – شىمال يۆنىلىشى بويىچە تارقاق كۆلىمى 90 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. شۇڭا ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ تارقاق دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
www.iz.la

ئاتول تىرىك مارجان توپى ۋە ئارالچاقلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھىندى ئوكياننىڭ چوڭقۇر جايىدىكى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ئۇزۇنلۇقى 960 كىلومېتىرلىق تىك دېڭىز ئومۇرتقىسىنىڭ ئۈستىدە شەكىللەنگەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

سۈپسۈزۈك دېڭىز سۈيى، گۈزەل ئاق رەڭلىك ساھىل، ئىرغاڭلاپ تۇرغان پالما دەرەخلىرى، سۇغا چۆكۈپ تۇرغان مەنزىرىلىك جاي — مالدىۋنى تىروپىك بەلباغ رايونىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېسىل دەم ئېلىش ئورنىغا ئايلاندۇرغان.

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ پەس دۆلەت بولۇپ، يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن ئاران 1.5 مېتىر ئېگىزلىكتە. بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ پەس يەر بولۇپ، ئاران 2.3 مېتىر كېلىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ %80 تىن ئارتۇق زېمىنى ئېكۋاتوردىن ئۆتۈپ، 850 كىلومېتىر دائىرە ئىچىگە تارقالغان مارجان ئاراللاردىن تەشكىللەنگەن، ھالبۇكى بۇ مارجان ئاراللارنىڭ دېىڭز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1 مېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ھىندى ئوكيان بۇ دۆلەتنىڭ ئىقلىمىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، خۇددى بىر ھارارەت پەسەيتكۈچتەك تىروپىك بەلباغ رايونىنىڭ ئىسسىق ھاۋاسىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. مالدىۋنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى ℃24 تىن ℃33 قىچە بولغان ئارىلىقتا ساقلىنىدۇ. نەملىك دەرىجىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولسىمۇ، دائىم چىقىپ تۇرىدىغان مەيىن شامال ھاۋانى سالقىنلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مالدىۋنىڭ ھەربىر ئىستىراھەت مېھمانسارىيى بىر مۇستەقىل ئارالچاققا ياسالغان بولۇپ، زامانىۋى ۋە ھەشەمەتلىك، مۇھىتى گۈزەل ۋە تىنچ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

شۇ قەدەر گۈزەل، شۇ قەدەر ئۆزگىچە، شۇ قەدەر ساپ... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!















