يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇش باشقارمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن مۇساپىرلىرىنىڭ تۇرالغۇسىنى مەجبورىي چېقىۋەتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ب د ت يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسى غەربىي قىرغاققا ئەمەلىي مەسئول خادىمى شېنستون(Barbara Shenstone) موشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي ئېرۇسالىمغا جايلاشقان ئىككى ئائىلىلىك پەلەستىن مۇساپىرىنىڭ ئۆيىنى مەجبورىي چېقىۋەتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشى 4 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىن مۇساپىرلىرىنىڭ سەرگەردان بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا قىلدى. پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلار ئۆزىنىڭ ئىسسىق ئۆيىدە ئولتۇرۇۋاتقاندا، بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ بالىلىرى ئازاپ-ئوقۇبەت ۋە ھاقارەتكە دۇچار بولدى، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئۆز ئۆيىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى كۆرۈپ تۇرۇش ئىنتايىن ئازاپلىق ۋە ئېچىنىشلىق دېگەن.
يېقىن شەرق قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسى 19-كۈنى ۋە 21-كۈنى ئۆيى چېقىۋېتىلگەن 13 نەپەر پەلەستىن مۇساپىرىغا يېمەكلىك، نەق پۇل ۋە پىسخىك ياردىمى تەيىنلىگەن.
شېنستون خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشى خەلقئارا قانۇنىي مەجبورىيەتكە خىلاپ بولۇپ، ب د ت بالىلار ھوقوق-مەنپەئەتى شەرتنامىسىگىمۇ خىلاپ ئىكەن. ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلاردا ئۆيلەرنى مەجبورىي چېقىشنى ۋە پەلەستىنلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلغان.
2010-يىلى، شەرقىي ئېرۇسالىم ۋە غەربىي قىرغاقتىكى ئىسرائىلىيە كونتروللىقىدىكى رايوندا، پەلەستىننىڭ جەمئىي 396 قۇرۇلىشى مەجبورىي چېقىۋېتىلگەن، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا %45 ئاشقان، 561 ئادەمنىڭ سەرگەردان بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 280 نەپەر ئۆسمۈر بار ئىكەن، 3000 ئادەمنىڭ ھاياتى تەسىرگە ئۇچرىغان.
مەنبە: ب د ت تورى(نەپرەت)
BBC ۋەCNN تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىنىڭMP3 ھۆججىتىنى چۈشۈرىۋېلىڭ