ھىندىستان ساقچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۇتتار شىتاتىدا ئاپتوبۇس بىلەن يۈك ماشىنىسى سوقۇلۇپ كېتىپ، ھازىرغا قەدەر 35 ئادەم ئۆلگەن ھەمدە 14 ئادەم يارىلانغان.
ۋەقە 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۇتتار( Uttar Pradesh)نىڭ شىتاتىنىڭ بادۇئان(Badaun) بازىرىدا يۈز بەرگەن. بادۇئان بازىرى ئۇتتار شىتاتىنىڭ مەركىزى لۇكناۋ( Lucknow) غەربىي جەنۇبىغا 280 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئىكەن.
رايونلۇق ساقچى ئەمەلدارى Chauhan دېيىشىچە، 25-كۈنى ئاپتوبۇس ماتەم مۇراسىمىدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ، قۇملۇق يەردىن ئۆتكەندە ماشىنا كونتروللىقىنى يوقىتىپ قويۇپ، ئالدىدا كېلىۋاتقان يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلغان.
ئاپتوبۇس شوپۇرىمۇ ۋەقەدە ئۆلگەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نوپۇس سانى دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھىندىستاندا، ماشىنا ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كېتىدىغانلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت ئىكەن.
ساقچىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندا ھەر يىلى 110 مىڭدىن كۆپ ئادەم يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدەش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان قاتناش ۋەقەسى، يول ناچار بولۇش، قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋە سۈپەتسىز ماشىنا ھەيدەش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن.
مەنبە: ئەل-جەزىرە تورى(نەپرەت)