ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

2010-يىللىق خەلقئارادا قىزىق نۇقتا بولغان ئون چوڭ شەخىس باھالاپ چىقىلدى

2010-يىلى12-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: قەيسەر
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 26– دېكابىر تېلېگراممىسى : گۇاڭمىڭ گېزىتى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە جۇڭگودىكى 50 نەچچە ئاخبارات ۋاستىلىرى قاتناشقان جۇڭگو خەلقئارا ئاخبارات مۇنبىرى ، يېقىندا گۇاڭدۇڭ دۇڭۋەندە 12–قېتىملىق يىللىق يىغىنىنى ئۆتكۈز
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 26– دېكابىر تېلېگراممىسى : گۇاڭمىڭ گېزىتى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە جۇڭگودىكى 50 نەچچە ئاخبارات ۋاستىلىرى قاتناشقان جۇڭگو خەلقئارا ئاخبارات مۇنبىرى ، يېقىندا گۇاڭدۇڭ دۇڭۋەندە 12–قېتىملىق يىللىق يىغىنىنى ئۆتكۈزدى . يىغىندا نامسىز بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ‹‹ 2010–يىللىق ئون چوڭ خەۋەر›› ۋە ‹‹چەت ئەلدىكى ئون چوڭ قىزىق نۇقتا بولغان شەخس›› نى باھالاپ چىقتى . تۆۋەندىكىسى ‹‹چەت ئەلدىكى ئون چوڭ قىزىق نۇقتا بولغان شەخس›› :

‹‹ۋىكى لىكس مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلىغۇچى تورى›› نىڭ قۇرغۇچىسى جۇلىئان ئاسسانجى

   ئاسسانجى

    39 ياشقا كىرگەن جۇلىئان ئاسسانجى ئاۋسترالىيەلىك بولۇپ ، ‹‹ۋىكى لىكس مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلىغۇچى تورى›› نى قۇرغان . 2010–يىلى بۇ تور بېكەت ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشىغا دائىر نۇرغۇنلىغان مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىپ دۇنيانى زىل زىلىگە كەلتۈرگەن . شۋېتسىيە ساقچىلىرى نويابىردا خەلقئارالىق ساقچى تەشكىلاتى ئارقىلىق ئاسسانجىغا خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان . ئاسسانجى بۇ يىل ئاۋغۇستتا شۋېتسىيەدە قىسقا ۋاقىت تۇرغان مەزگىلدە باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەنگەن . ئاسسانجى 7–دېكابىر لوندون ساقچىلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ، 16–دېكابىر كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن . ‹‹خايكېر روبىنھام›› دەپ ئاتالغان ئاسسانجى ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆلۈم تەھتىدىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان .

10–ئاپرېل ، پولشا زۇڭتۇڭى لېخ ئالېكساندىر كاچىنسكى (Lech Aleksander Kaczynski) ئولتۇرغان ئايروپىلان رۇسىيەنىڭ سمولېنسك (Smolensk) تا چۈشۈپ كەتكەن ، كاچىنسكىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېنىقلانغان . بۇ قۇراشتۇرۇلغان سۈرەتتىكىسى كاچىنسكى ۋە شۇ ئايروپىلاندا بىللە بەختسىزلىككە ئۇچرىغان بىر قىسىم ھەربىي ۋە سىياسىي مۇھىم ئەربابلارنىڭ باش سۈرىتى . بۇنىڭ ئىچىدە : پولشانىڭ ‹‹بىرىنجى خانىمى›› ، پولشا ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى ، پولشا ھاۋا ئارمىيەسى ، دېڭىز ئارمىيەسى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرى ، پولشا دۆلەت بانكىسىنىڭ باشلىقى ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن پالاتا باشلىقى ۋە ھەر قايسى مىنىستىرلىقنىڭ بىر مۇئاۋىن باشلىقى ، پولشا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىقلار بار

   كاچىنسكى

    پولشا زۇڭتۇڭى كاچىنسكى ئولتۇرغان تۇ–154 تىپلىق مەخسۇس ئايروپىلان ، 10–ئاپرېل رۇسىيەنىڭ سمولېنسك ئەتراپىغا چۈشۈپ كەتكەن ، پولشا دۆلەت بانكىسىنىڭ باشلىقى ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ھەربىي تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 96 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان . كاچىنسكى ئەسلىدە رۇسىيەگە بېرىپ ‹‹كاتيىن پاجىئەسى›› (Katyn massacre) نىڭ 70 يىللىق خاتىرە پائالىيىتىگە قاتناشماقچى بولغان . كاچىنسكى 1949–يىلى 18–ئىيۇن پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادىكى ئاددىي ئىشچى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن . كاچىنسكى بىلەن ئۇنىڭ قوشكېزەك ئىنىسى كىچىگىدە پولشا كىنو ساھەسىدىكى داڭلىق ئۆسمۈر چولپان ئىكەن .

31–ئۆكتەبىر ، برازىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى دىلما رۇسسېف برازىلىيە ئالېگرې پورتىدىكى بېلەت تاشلاش پونكىتىدا . برازىلىيە يۇقىرى سوتى 31-ئۆكتەبىر ، دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسىنىڭ ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتى دىلما رۇسسېف زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشتا ئۇتۇپ چىققانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان

   رۇسسېف

  31–ئۆكتەبىر ، برازىلىيە يۇقىرى سوتى دىلما رۇسسېفنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشتا ئۇتۇپ چىقىپ ، برازىلىيەنىڭ تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى . رۇسسېف 2011–يىلى 1–يانۋاردىن باشلاپ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى رەسمىي ئۆتەيدىكەن . رۇسسېف 1948–يىلى برازىلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مىناس جىرايىس ئىشتاتىدا تۇغۇلغان ، ئاتىسى بۇلغارىيەدىن كەلگەن كۆچمەن . رۇسسېف ھازىرقى زۇڭتۇڭ لۇلانىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە تەربىيەلىشىگە ئېرىشكەن . سايلام جەريانىدا رۇسسېف كۆپ قېتىم لۇلا دەۋىرىدىكى ئاساسىي ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەدبىرلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ ، دۆلەتنىڭ ھالقىلىق ئىقتىسادىي ساھەدىكى رولىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ، برازىلىيەنى باشلاپ ‹‹ئىقتىسادىي كۈچلۈك بولغان دۆلەت›› قاتارىغا ئۆتىدىغانلىقىنى ھەمدە خەلقئارا سەھنىسىدە برازىلىيە ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ بولغان سۆزلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

21–ئاپرېل ، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى كومىتېتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پەخرىي رەئىسى خۇئان ئانتونىئو سامارانچ ئىسپانىيە بارسېلونادىكى چايرون دوختۇرخانىسىدا ، 89 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!