خۇ جىنتاۋ مۇھىم سۆز قىلدى
ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ چايغا قاتناشتى
جيا چىڭلىن چايغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – يانۋار تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا يېڭى يىللىق چاي ئۆتكۈزدى. خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پارتىيەسىز زاتلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنىڭدەك پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن جەم بولۇپ، 2011 – يىللىق يېڭى يىلنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ چايدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بەش يىل بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، 11 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدۇق، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى. بەش يىللىق ئەمەلىيەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى بولسىلا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلاشسىلا، جەزمەن ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى بارلىق خېيىمخەتەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى قەتئىي تېزلىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق مەنزىلىگە قاراپ چوڭ قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلىيەلەيدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىدى. بىز جەزمەن تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسىرانە ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش غايە – ئېتىقادىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز، خەلققە چىڭ تايىنىپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

خۇ جىنتاۋ سۆزىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتى، مەملىكەتتىكى بارلىق ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە ھەر ساھە زاتلار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىكى كوماندىر – جەڭچىلەر، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر، ج خ خەلق ساقچىلىرى، شۇنىڭدەك شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلار ھەم جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە مەدەت بېرىۋاتقان خەلقئارادىكى دوستلارغا بايراملىق سالام يوللىدى.
خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2011 – يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى ھەم 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان باشلىنىدىغان يىل. 2011 – يىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ، 4 – ، 5 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان – ۋەزىپە بويىچە، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئاساسىي تېما، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
چايغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش خۇ جىنتاۋ مۇھىم سۆزىدە ئۆتكەن بىر يىلدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى ھەم بۇ يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى يېتەكچى ئىدىيە ۋە ئاساسىي نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بىز جەزمەن يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مۇناسىۋەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇش، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىش، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
چايدا خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبەرلەر ھەر ساھە زاتلار ئارىسىغا كېلىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ پاراڭلاشتى، ئۆز ئارا ھال – ئەھۋال سوراشتى. ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر ناخشا – ئۇسسۇل ۋە ئەلنەغمە قاتارلىق ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇندىدى.