ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندىستان تەمىنلەشنى ئازلاتقانلىقتىن تۆمۈر رودىسى باھاسى يېڭى رېكورت ياراتتى

2011-يىلى01-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
ئاسىيادىكى پولات-تۆمۈر زاۋۇتلىرى تۆمۈر رودىسىنى بەسلىشىپ سېتىۋېلىشقا باشلىغاندا، يەر شارىدىكى 3-چوڭ تۆمۈر رودىسى ئېكىسپورت دۆلىتى بولغان ھىندىستان تەمىنلەشنى ئازلاتقانلىقتىن، بازاردا تۆمۈر رودىسى كەمچىل بولۇش كېلىپ چىقىپ، باھاسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىي
  


ئاسىيادىكى پولات-تۆمۈر زاۋۇتلىرى تۆمۈر رودىسىنى بەسلىشىپ سېتىۋېلىشقا باشلىغاندا، يەر شارىدىكى 3-چوڭ تۆمۈر رودىسى ئېكىسپورت دۆلىتى بولغان ھىندىستان تەمىنلەشنى ئازلاتقانلىقتىن، بازاردا تۆمۈر رودىسى كەمچىل بولۇش كېلىپ چىقىپ، باھاسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن.
تۆمۈر رودىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆسۈشى يەر شارى ئىقتىسادىدىكى پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېغىرلاشتۇرغان، چۈنكى تۆمۈر رودىسىنىڭ باھاسى پولات-تۆمۈرنىڭ باھاسىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ماشىنا، كىرئالغۇ قاتارلىق كۈندۈلۈك بۇيۇملارنىڭ تەننەرخىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
Platts ئېنىرگىيە ئۇچۇرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيە ئۆلچەملىك تۆمۈر رودىسىنىڭ ھازىرقى باھاسى( توشۇش ھەققىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېقىندا ھەر توننىسى 185 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولغان. توشۇش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان تۆمۈر رودىسىنىڭ باھاسىمۇ ھەر توننىسى 177.9 ئامېرىكا دوللىرى بولۇشتەك يۇقىرى رېكورت ياراتقان.
ھىندىستاننىڭ تەمىنلىشى جىددىي بولغانلىقتىن، بۇ قېتىمقى باھانىڭ زور دەرىجىدە ئۆسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھىندىستاننىڭ تۆمۈر رودىسى يىللىق ئېكىسپورت مىقدارى 100 مىليون توننا بولۇپ، كارناتاكا(Karnataka) شىتاتىنىڭ %25 نى ئىگەللەيدىكەن. كارناتاكا شىتاتى يېقىندا قانۇنسىز رودا كانلىرىغا زەربە بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، تۆمۈر رودىسىنى ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقارغان. ھىندىستان تۆمۈر ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ %20 ئىگەللەيدىغان ئورىسسا شىتاتىمۇ يېقىندا چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، ئاسىيانىڭ تۆمۈر رودىسىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشقان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!