شىنخۇا تورىنىڭ رىئو دې ژانىرودىكى 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى تېلىگىراممىسى، بىرازىلىيە رىئو دې ژانىرو شىتاتىنىڭ 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر كەلكۈندە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 806 گە يەتكەن، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى مۇمكىن ئىكەن.
مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ رىئو دې ژانىرو شىتاتىدا قاتتىق ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن لاتقا شېغىللىق كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، يۈز مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆي-ماكانسىز قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى. بۇ بىرازىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر تەبىئىي ئاپەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى،رىئو دې ژانىرو شىتاتى پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئاپەتتىن ئالدىن سىگىنال بېرىش سېستىمىسىنى ئىشقا سالدى.