ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پورتۇگالىيە پىرىزدېنتى قايتا سايلاندى

2011-يىلى01-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:www.nur.cn يوللىغۇچى: ئايگۇل
پورتۇگالىيە سايلام كومىتىتىنىڭ 23-يانۋار كەچ ئېلان قىلىشىچە، ھازىرقى پىرىزدېنت سىلۋا(Anibal Cavaco Silva ) شۇ كۈنى پىرىزدېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىپ ۋەزىپىگە قايتا ئولتۇرغان. سايلام كومىتىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، سىلۋا %52.9 بېلەتكە ئ
  


پورتۇگالىيە سايلام كومىتىتىنىڭ 23-يانۋار كەچ ئېلان قىلىشىچە، ھازىرقى پىرىزدېنت سىلۋا(Anibal Cavaco Silva ) شۇ كۈنى پىرىزدېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىپ ۋەزىپىگە قايتا ئولتۇرغان.
سايلام كومىتىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، سىلۋا %52.9 بېلەتكە ئېرىشكەن، ئاساسلىق سايلام رىقابەتچىسى ئالېگرې(Manuel Alegre) سايلامدا %19.8 ئاۋازغا ئېرىشكەن.
سىلۋا غەلبە قىلغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ، كەلگۈسىدە پورتۇگالىيەنىڭ يۇقىرى ئىشسىزلىق ۋە قەرز كىرزىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى جىددىي ھەل قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتقان.
سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىكى رەقىبى ئالېگرې سىلۋاغانىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلىگەن، ئۆزىنىڭ مەغلوبىيىتى پارتىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
پورتۇگالىيەنىڭ ئاساسىي قانونى بويىچە، پىرىزدېنت دۆلەت باشلىقى بولۇپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ھەمدە قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈش ھوقوقىغا ئىگە. ئەمما سىلۋا 23-يانۋار بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىغاندىن كېيىن، مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ھوقوقى بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا پورتۇگالىيەنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى، سىياسىي مۇقۇملىقنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
سىلۋا 2006-يىلى بىرىنچى قېتىم پورتۇگالىيە پىرىزدېنتى بولغان. سىلۋا 1985-يىلدىن 1995-يىلغىچە پورتۇگالىيە باش مىنىستىرى بولغان، مول سىياسىي تەجرىبىگە ئىگە، ئۇ باش مىنىستىر بولغان مەزگىلدە پورتۇگالىيەنىڭ ئىقتىسادى تېز ئاشقان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!