ھايتى تەپتىش مەھكىمىسى سابىق پىرىزدېنت دۇۋالىيېر(Duvalier )نى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 15 يىل ۋاقتىدا چىرىكلىك، ئوغرىلىق ۋە مەبلەغنى يۆتكەپ كېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىگەن.
18-يانۋار، ئۇ قايتىپ كېلىپ 48 سائەت بولمايلا، ھايتى ساقچىلىرى پايتەخت شاھزادە پورتىدىكى ئۇ چۈشكەن مېھمانخانىدا قولغا ئالغان، ئۇ چەتئەلدە 25 يىل سىياسىي سۈرگۈندە بولغان ئىدى.
شاھزادە پورتى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئارىستىداس ئاۋگۇست( Aristidas Auguste ) مۇخبىرغا:« ئۇنىڭ تەغدىرى تەكشۈرۈش ئەمەلدارىنىڭ قولىدا، بىز ئۇنى ئەيىبلىدۇق » دېگەن.
1986-يىلى 1-ئايدا ھايتىدا ئىش تاشلاش يۈز بەرگەن، شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى دۇۋالىيېر ئائىلىسىنى ئېلىپ ئامېرىكا ئايروپىلانى بىلەن قېچىپ كەتكەن. 2011-يىلى 1ئاينىڭ 16-كۈنى، چەتئەللەردە سەرگەردان بولغىلى 25 يىل بولغان دۇۋالىيېر ھايتىغا تۇيۇقسىز قايتىپ كەلگەن.