
20–يانۋار ، ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى كەربالادا ، بىر يارىدار قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا ئېلىپ چىقىلماقتا
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرى : كەربالا شەھىرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئىككى كىرىش ئېغىزىدا 20– يانۋار ئىككى قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ، ھازىرغا قەدەر 45 نەپەر ھەج تاۋاپ قىلغۇچى قازا قىلغان ، 110 ئادەم يارىلانغان . كەربالا باغداتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن تەخمىنەن 110 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ ، شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھىم دىنىي مۇقەددەس جايلىرىنىڭ بىرى . بۇ شەھەردە ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھۈسەيىننىڭ مەقبەرىسى بار بولۇپ ، ھەر يىلى شىئە مەزھىپىدىكى مىڭلىغان–تۈمەنلىگەن ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلار ئىراقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە كېلىپ ، ھۈسەيىن قەتلى قىلىنغان كۈننى خاتىرىلەپ ، دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ . بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بۇ جايدا كۆپ قېتىم ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن . بۇ ، مۇشۇ ئاينىڭ 18–كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تىكرىت شەھىرىدە 210 نەچچە ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئېچىنىشلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ، ئىراق چېگرىسى ئىچىدە يۈز بەرگەن ، قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلار سانى كۆپرەك بولغان يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ.

20–يانۋار ، ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى كەربالادا ، بىر يارىدار قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا ئېلىپ چىقىلدى