
23–يانۋار ، ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد راشىتتا قوللىغۇچىلىرىغا قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى: ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد 23–يانۋار راشىتتا نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: ئىران خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسى ھەققىدە داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنى خالايدۇ. ئىراننىڭ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ، رۇسىيە ، جۇڭگو ۋە گېرمانىيەدىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت بىلەن بولغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى 22–يانۋار تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئاياغلاشقان بولۇپ، ئىختىلاپ ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، سۆھبەتتە ماھىيەتلىك نەتىجە كۆرۈلمىدى.

23 – يانۋار، ئەھمەدى نىجاد راشىتتا نۇتۇق سۆزلىمەكتە

23 – يانۋار، ئەھمەدى نىجاد راشىتتا ئاممىغا قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى