23–دېكابىر ، كورىيە ھەربىي تەرەپ سىئۇلنىڭ شىمالىدا ‹‹ ئەڭ زور كۆلەمدىكى بىرلەشمە ئوت كۈچى مانېۋىرى ›› ئۆتكۈزدى
شىنخۇا تورى پيۇڭياڭ 23–دېكابىر تېلېگراممىسى : چاۋشيەن ھەربىي تەرەپنىڭ رەھبىرى كىم يوڭچۈن 23– دېكابىر پيۇڭياڭدا ئەگەر دۈشمەنلەر چاۋشيەننىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز تەۋەلىكىگە باستۇرۇپ كىرسە چاۋشيەن ‹‹ قىلچە ئىككىلەنمەستىن كۈچلۈك زەربە قايتۇرىدۇ ›› ، دېدى .

چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، شۇ كۈنى پيۇڭياڭدا مەركەز دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېلنىڭ چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى بولغانلىقىنىڭ 19 يىللىقى تەبرىكلەنگەن . چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى ، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، خەلق ھەربىي كۈچ مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى كىم يوڭچۈن نۇتۇق سۆزلەپ ، چاۋشيەننىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى گۈللەندۈرىدىغانلىقى ، ئۆزىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ چاۋشيەننى ‹‹ مۇستەھكەم پولات قورغان ›› غا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان .

كىم يۇڭچۈەن مۇنداق دېدى ، نۆۋەتتىكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى ‹‹ قىل ئۈستىدە تۇرۇۋاتىدۇ ›› . ئالدىنقى قېتىم كورىيە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدە چاۋشيەنگە قارىتىلغان توپ ئوقى مەشىقى ئېلىپ بېرىپ ، ئېغىر ھەربىي قۇتراتقۇلۇق قىلدى ، بۇ كورىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىش پىلانىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . چاۋشيەن دۈشمەنلەرنىڭ چاۋشيەن ئاسمىنى ، قۇرۇقلۇقى ۋە دېڭىز تەۋەلىكىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشىگە قەتئىي يول قويمايدۇ . چاۋشيەن ئارمىيەسى بارلىق تەييارلىقلارنى كۆرۈپ قويدى ، زۆرۈر بولغان ۋاقىتتا ‹‹ مۇقەددەس جەڭ ›› قىلىدۇ . ئەگەر ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك جەڭنى باشلىسا ، چاۋشيەن ئارمىيەسى ‹‹ تاجاۋۇزچىلارنىلا مەغلۇب قىلىپ قالماستىن ، دۈشمەنلەرنىڭ تايانچ بازىسىنى بىتچىت قىلىپ ، تەلتۆكۈس غەلبە قىلىپ ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ›› .
چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېل 1991 ــ يىل 24 ــ دېكابىر چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى بولۇپ سايلانغان .

23 ــ دېكابىر ، كورىيە ھەربىي تەرەپ سىئۇلنىڭ شىمالىدا ‹‹ ئەڭ زور كۆلەمدىكى بىرلەشمە ئوت كۈچى مانىۋېرى ›› ئۆتكۈزدى

23 ــ دېكابىر ، كورىيە ھەربىي تەرەپ سىئۇلنىڭ شىمالىدا ‹‹ ئەڭ زور كۆلەمدىكى بىرلەشمە ئوت كۈچى مانىۋېرى ›› ئۆتكۈزدى

23 ــ دېكابىر ، كورىيە ھەربىي تەرەپ سىئۇلنىڭ شىمالىدا ‹‹ ئەڭ زور كۆلەمدىكى بىرلەشمە ئوت كۈچى مانىۋېرى ›› ئۆتكۈزدى