شىنخۇا تورى لوندۇن 9–نويابىر تېلېگراممىسى : ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى 9–نويابىر ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بۇشنىڭ ئەسلىمە كىتابى ‹‹ تەدبىر بەلگىلەش ›› نىڭ نەشىردىن چىققانلىق خەۋىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلدى . ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالدىن ئېرىشكەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ، بۇش بۇ كىتابىدا ئۆزىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە نۇقتىلىق ھالدا زەربە بېرىش پىلانى ھەمدە سۈرىيەگە مەخپىي ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مەسلىسىنى تەتقىق قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان .
بۇش بۇ كىتابنىڭ 497–بېتىدىكى ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېگەن ، ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى توسۇش ياكى ھېچ بولمىغاندىمۇ ۋاقىتلىق توسۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ‹‹ مەن بەش بۇرجەكلىك بىنا ھۇجۇم قوزغاشتا ھەر قانداق زۆرۈر ئاماللارنى قوللانسا بولىدۇ ، دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۈم ›› . ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن ، ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا تايىنىپ دۇنيانىڭ تېنچلىقىغا تەھدىت سېلىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ ، ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت يۈرگۈزۈش ئىزچىل ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئالدىن ئويلىشىدىغان تاللىشى . ئۇ يەنە ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بىلايىر بىلەن ئىرانغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى ھەر خىل تەدبىرلەر توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەن .
كىتابتا يەنە مۇنۇلار ئاشكارىلانغان ، ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى ئولمېرت ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىنى سۈرىيەنىڭ گۇمانلىق يادرو زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ ، ئامېرىكا خەۋپسىزلىك ئەترىتى ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ۋە باشقا مەخپىي زەربە بېرىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا ئەستايىدىل تەتقىق ئېلىپ بارغان ، بىراق ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ سۈرىيەگە بىر بۆلەك ئەسكەر ئەۋەتىشنىڭ خەتىرىنىڭ چوڭلۇقىنى ئېيتىپ ، ئىسرائىلىيەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2007 ــ يىلى سېنتەبىردە سۈرىيەگە مۇستەقىل ھالدا ھەربىي ھۇجۇم قوزغىغان .
كىچىك بۇش يەنە كىتابىدا ئۆزىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدا خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ لېكىن يەنە ئىراققا قوللانغان ھەرىكەتنىڭ توغرىلىقىنى تەكىتلىگەن ؛ ئۇ بەش يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ يېڭى ئورلېئان بورىنىغا تاقابىل تۇرۇشتا بىر قارارغا كېلەلمەي ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ؛ ئۇ يەنە ئامېرىكا ئۈچۈن كۇبا گۇۋانتىنامودا تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى قۇرغانلىقىنى ھەمدە ئۇ يەرگە قامالغانلارنى دەھشەتلىك قىيىن ــ قىستاققا ئالغانلىقىنى يەنە بىلايىر بىلەن ئەڭ يېقىن چەتئەللىك ئىتتىپاقداش دوست بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان .