ئافغانىستان ساقچىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى تەكشۈرمەكتە
شىنخۇا تورى ، ئافغانىستان 23-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : ئافغانىستان ساقچى تەرەپنىڭ 23-ئۆكتەبىر ئېيتىشىچە ، تۆت نەپەر تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ب د ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى ھىرات ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ھىراتتا تەسىس قىلغان خىزمەت ئورنىغا ھۇجۇم قىلغان . بۇ قېتىمقى ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە تۆت نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان ، ب د ت ياللىغان ئۈچ نەپەر مۇھاپىزەتچىمۇ يارىلانغان .
ھىرات ئۆلكىلىك ساقچى تەرەپنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى دىلاۋۇرنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە ، بۇ تۆت نەپەر ھۇجۇمچى بىر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ، ب د ت نىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ خىزمەت بىناسىغا يېقىن جايغا كېلىپ ئاپتوموبىلدىن چۈشكەن ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بۇ خىزمەت بىناسىنىڭ چوڭ ئىشىكىگە ئۆزىنى ئېتىپ بەدىنىدىكى بومبىنى پارتلاتقان ، قالغان ئۈچى پارتىلىتىۋېتىلگەن چوڭ ئىشىكتىن خىزمەت بىناسى ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرمەكچى بولغاندا ، ئىككى قوراللىق ئۇنسۇر ئېتىۋېتىلگەن ، يەنە بىرى خىزمەت بىناسى قوروسىغا كىرىپ ، خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن تۇتۇشقاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
ئافغانىستان ساقچىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندە قاراۋۇللۇق قىلماقتا
ب د ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى سالارزايى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بۇ ئاپپاراتنىڭ تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى دەلىللەپ ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
تالىباننىڭ باياناتچىسى ئەخمەت تېلېفوندا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ، بۇ قېتىمقى ۋەقەنى بۇ تەشكىلاتنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئاشكارلاپ ، ھۇجۇمدا ب د ت خادىملىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتقان .
2009-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ، ئۈچ نەپەر تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى پايتەخت كابۇلدىكى ب د ت نىڭ مېھمانخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ، ب د ت نىڭ ئالتە نەپەر خىزمەتچى خادىمىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ب د ت ئافغانىستاندىن 600 نەپەر خىزمەتچىسىنى چېكىندۈرگەن .