ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى تارتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ ، ئوباما ‹‹ جەڭ ھالىتى ›› گە كىردى

2010-يىلى10-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
   ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مېككاننېل ( ماتېرىيال سۈرەت )    شىنخۇا تورى بېيجىڭ 26–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مېككاننېل 25–ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ
  

  

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مېككاننېل ( ماتېرىيال سۈرەت )

   شىنخۇا تورى بېيجىڭ 26–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مېككاننېل 25–ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەقسىتى ئامېرىكىدا نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنتنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى تارتىۋېلىش ، دېگەن .

    مېككاننېل ‹‹ خەلق خەۋەرلىرى ›› ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن : ئۆزىمىزنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتىغا ئەڭ يۇقىرى چەكتە غەلىبە قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىمىز بىردىنبىر سىياسىي نىشانىمىز . زۇڭتۇڭ ئوباما رەت قىلىش ھوقۇقىنى كونترول قىلىۋالغان ئەھۋالدا ، بىزمۇ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا كونترول قىلماي تۇرالمايمىز .

    جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئالدىنقى قوللاش نىسبىتىگە قارىغاندا ، ئانالىزچىلارنىڭ مۆلچەرىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى قايتىدىن كېڭەش پالاتاسىنى كونترول قىلىدىكەن . بىراق نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا پۇقرالىرى يەنىلا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى سابىق زۇڭتۇڭ كىچىك بۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدىكەن .

    مېككاننېل جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەرنى بۇ قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىغا ‹‹ كەمتەر ، تەشەككۈر ئېيتىش ›› پوزىتسىيەسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلغان .

    ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى 1994 ــ يىلدىكى خاتالىقىنى قايتا سادىر قىلماي تېخىمۇ ئەقىللىقراق بولۇشى كېرەك ، دېگەن . ئۇ ۋاقىتتا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پارلامېنتنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان بولۇپ ، بىراق ئىككى يىلدىن كېيىنكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى كېلىنتۇن يەنە قايتا سايلانغان .

 
( ماتېرىيال سۈرەت )

    ئاق ساراي باياناتچىسى بوتۇن ئوبامانىڭ ئاللىقاچان ‹‹ جەڭ ھالىتى ›› گە كىرگەنلىكىنى ، مېككاننېلنىڭ گەپ ــ سۆزلىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ‹‹ توسالغۇ ›› ئىستىراتېگىيىسىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان .

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر