مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ مۇھىم سۆز قىلدى
ئومۇمىي يىغىندا خۇ جىنتاۋنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى
ئومۇمىي يىغىندا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 12–بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى
ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلاپ سايلاش قارار قىلىندى
ئومۇمىي يىغىندا پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەممە بىر نىيەتتە ‹‹12 – بەش يىل››دىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان – ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى چاقىرىق قىلىندى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى
(2010–يىل 10–ئاينىڭ 18–كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5–ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5–ئومۇمىي يىغىنى 2010–يىل 10–ئاينىڭ 15– كۈنىدىن 18–كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسىدىن 202 كىشى ، كاندىدات ئەزاسىدىن 163 كىشى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەۋاتقان قىسمەن يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ مۇھىم سۆز قىلدى.
ئومۇمىي يىغىندا خۇ جىنتاۋنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 12– بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ۋېن جياباۋ ‹‹تەكلىپ(مۇزاكىرە نۇسخىسى)›› توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.
ئومۇمىي يىغىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4–ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ مۇنداق قارالدى: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئېغىر تەسىرى ۋە ئىچكى – تاشقى مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە قارىتا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى ۋە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1 – ، 2 – ، 3 – ، 4 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەريەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەنتەنىلىك تەبرىكلىدى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرىدىغان بىر قاتار پىلانلارنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، ماكرولۇق تەڭشەشنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇستەككەملىدى ۋە كېڭەيتتى، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتى، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىنى ساقلىدى، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈردى ۋە ياخشىلىدى، يۈشۇدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش، جۇچۈدىكى پەۋقۇلئاددە چوڭ تاغ كەلكۈنى ۋە لاتقا – شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردى، پۈتۈن پارتىيە ئىچىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى غەلىبىلىك تاماملىدى، شاڭخەي دۇنياۋى كۆرگەزمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ۋە خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك، يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: ‹‹12–بەش يىل›› ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى. ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتتىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، ‹‹12 – بەش يىل››نى ئىلمىي تۈزۈش دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە سىلىق، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئومۇمىي يىغىندا ‹‹11–بەش يىل›› دا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلىپ مۇنداق قارالدى : پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى بولغان تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا ۋە كۈچلۈك بولغان ماكرولۇق تەڭشەشنى يولغا قويۇپ، ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىماتىدىكى ئۇللىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قىياپىتىدە يېڭى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بەش يىل تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا مەرتىۋىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. خەلقئارا تەسىرى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ھەم ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى. بۇ بەش يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ناھايىتى تەستە قولغا كەلگەن، توپلانغان تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك، يارىتىلغان مەنىۋى بايلىقنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر.
ئومۇمىي يىغىندا ئېلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئىچكى–تاشقى مۇھىت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، ئىچكى–تاشقى ۋەزىيەتكە ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم چىقىرىلىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ھېلىھەم چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىقى ھەم تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كەلگەنلىكى، ھەم مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە بولمايدىغان نۇرغۇن خەۋپ – خەتەر، خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكى تەكىتلەندى. بىز پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ – خەتەر ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، مۇھىت ئۆزگىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىشىمىز، زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشىمىز، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹12–بەش يىل›› نى تۈزۈشتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى باش تېما، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە سىلىق، تېزرەك تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئاساس سېلىشىمىز شەرت.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىرقى جۇڭگودا تەرەققىيات چىڭ قائىدە دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشقا، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى چوڭقۇر ئىنقىلاب، ئۇنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم تايانچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈكلۈكى، ماسلىقى، ئىمكانيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىندا كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلۈنىشى ۋە شارائىتنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش ئاساسىدا كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىقتىسادنى سىلىق، تېزرەك راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشتە زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى روشەن كۈچەيتىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، خەلقئارا رىقابەت كۈچى، خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى روشەن ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ ماددىي، مەنىۋى تۇرمۇشىنى روشەن ياخشىلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە، ئىقتىسادنى سىلىق، تېزرەك راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، سېلىنما قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستېمال، سېلىنما، ئېكسپورت ماسلىشىپ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلار بەختلىك ياشايدىغان گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرۇش كېرەك . زامانىۋى كەسىپلەر سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ ، كەسىپلەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ، ياسىمىچىلىقنى ئۆزگەرتىش ، ئۆستۈرۈش ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭى كەسىپلەر سىستېمىسىنى يېتىشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، مۇلازىمەتچىلىك كەسپىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋى ئېنېرگىيە كەسپى ۋە ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، دېڭىز – ئوكيان ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەرنىڭ ئورۇنلىشىشى ۋە تۈزۈلۈشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەرلەشتۈرۈشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش، رايون ئىگىلىكىدە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، ئاساسىي فۇنكسىيەسىنىڭ ئورنى ئېنىق بولغان، دۆلەت زېمىنى بۇشلۇقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدىغان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان رايون تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەتنى تېز بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش، ئايلانما ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، بايلىقنى تېجەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىتنى ئاسراش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل راۋاجلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەتنى پەن – مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېزدىن يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى ياخشىلاش، مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىنى يولغا قويۇشقا پۇختا پەن – تېخنىكا ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ئاساسى سېلىش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى : خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا تەدرىجىي مۇكەممەللىشىدىغان ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ، شەھەر ، يېزىلارنى قاپلىغان، ئىمكانىيەتلىك ، سىجىل بولغان جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ، ھۆكۈمەتنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش، كىرىم تەقسىمات مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ مىللىي دارامەت تەقسىماتىدىكى نىسبىتىنى، ئىش ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتتىكى نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، نوپۇس خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ھەقىقىي ساقلاش كېرەك.