ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش يۈزىسىدىن چەتئەلگە چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشكە قاتناشقان پېشقەدەم يولداشلار ھەم پىدائىي قىسىمدىكى قەھرىمان–نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى ھەم سۆز قىلدى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ، چاۋشيەنگە ياردەم ب
  
خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشكە قاتناشقان پېشقەدەم يولداشلار ھەم پىدائىي قىسىمدىكى قەھرىمان–نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى ھەم سۆز قىلدى

خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشكە قاتناشقان پېشقەدەم يولداشلار ھەم پىدائىي قىسىمدىكى قەھرىمان–نەمۇنىچىلار ۋەكىللىردىن ھال سورىماقتا

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 25 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش يۈزىسىدىن چەت ئەلكە چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 25 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشكە قاتناشقان پېشقەدەم يولداشلار ھەم پىدائىي قىسىمدىكى قەھرىمان – نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى ھەم سۆز قىلدى.

    چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبەرلەر ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ غەربىي زالىغا كىرىپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشكە قاتناشقان پېشقەدەم يولداشلار ھەم پىدائىي قىسىمدىكى قەھرىمان – نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم بىللە سۈرەتكە چۈشتى.

    سۆھبەت يىغىنىدا، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشى تىنچلىقنى قوغداپ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرغان ئادالەتلىك ئۇرۇش، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى جۇڭگو – چاۋشيەن خەلقلىرى ۋە ئارمىيەلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جەڭ قىلغانلىقىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىنى قوغداشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى ۋە جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. بىز مۇشۇ دەقىقىدە يولداش ماۋ زېدۇڭ، يولداش جۇ ئېنلەي، يولداش ليۇ شياۋچى، يولداش جۇ دې، يولداش دېڭ شياۋپىڭ، يولداش چېن يۈن ۋە يولداش پېڭ دېخۈەي قاتارلىق پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنى چوڭقۇر ياد ئېتىۋاتىمىز! جۇڭگو خەلقى قەھرىمانلىق داستانى پۈتكەن، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇش تارىخىدا ئاجىزلار كۈچلۈكلەرنى يېڭىشتە شانلىق ئۈلگە تىكلىگەن پىدائىي قىسىم قوماندان ۋە جەڭچىلىرىنى، شۇنداقلا بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۆھپە قوشقان بارلىق كىشىلەرنى، بولۇپمۇ چاۋشيەن زېمىنىدا ئېچىلغان جىندالەي گۈلىنى ئىسسىق قېنى بىلەن بويىغان ئىنقىلاۋبىي قۇربانلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق نامى تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالىدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقى جۇڭگو – چاۋشيەن خەلقلىرى ۋە ئارمىيەلىرىنىڭ قان بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇلۇغ، جەڭگىۋار دوستلۇقى، چاۋشيەن ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ پىدائىي قىسىمغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئاسرىغان ۋە پائال ياردەم بەرگەن تەسىرلىك ئەسلىمىلەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى؛ ئەينى يىللىرى پىدائىي قىسىمنىڭ چاۋشيەنگە كىرىپ ئۇرۇش قىلىشىغا پائال ياردەم بەرگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى، شۇنداقلا دۇنيادا تىنچلىقنى سۆيىدىغان بارلىق دۆلەت ۋە ئۇلارنىڭ خەلقلىرىنى، دوستانە تەشكىلات ۋە دوستلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تىنچلىقپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرىكى ئۇرۇشنى جاھانگىر تاجاۋۇزچىلار جۇڭگو خەلقىگە تاڭغان. تاجاۋۇزچىلار ئۇرۇش ئوتىنى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىن جۇڭگو – چاۋشيەن چېگراسىغا كېڭەيتىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، چاۋشيەن پارتىيەسى بىلەن ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە يولداش ماۋ زېدۇڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، ۋەتەننى، يۇرتنى قوغداشتىن ئىبارەت تارىخىي قارارنى چىقاردى. جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى قەھرىمان قوماندان – جەڭچىلەر تىنچلىقنى قوغداپ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چاۋشيەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن بىللە، ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ قورال – ياراغلىرىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ بولغان، مۈشكۈلات ئىنتايىن ئېغىر بولغان شارائىتتا، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. پىدائىي قىسىمدىكى قوماندان – جەڭچىلەر ئىككى يىل توققۇز ئاي قانلىق جەڭ قىلىش جەريانىدا، ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت – ئابرويى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىش روھى، قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن باش تارتمايدىغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھى، جاپا – مۇشەققەتتىن قاچماي، باشتىن – ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ روھنى ساقلايدىغان ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىق روھى، ۋەتەن ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچنى ئادا قىلىش يولىدا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى پىدا قىلىدىغان ئىنقىلابىي ساداقەتمەنلىك روھى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە ھەققانىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئىنتېرناتسىئونالىزملىق روھىنى جارى قىلدۇردى. بۇ روھ جۇڭگو خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش يۈزىسىدىن چەت ئەلكە چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلىگىنىمىزدە، تارىخىي ساۋاقلارنى تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى ۋە يىراقنى كۆزلەش نەزەرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى يەكۈنلەپ، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەتلىك – ياراملىق بولۇپ، ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ھەممە بىر نىيەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەيسىرانە، پۇختا، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!