ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

«راك كېسەللىرى كەنتى» جۇڭگو ئىقتىسادى ئېشىشىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى ئاشكارىلاپ بەردى

2010-يىلى10-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:jahan123.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
تاكى دوختۇر جېڭ گۇمېينى سىرتتا ساقلاپ تۇرۇشىنى،ئوغلى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىدىغانلىقىنى دېگۈچە، ئۇ ئۆزىنى زۇكام بولۇپ قالدىم دەپ قارايتتى. ئۇ چاغدا ئۆزەمنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلدىم دېدى ئۇ.47ياشلىق بۇ يېزىلىق ئايال بىر تەرەپتىن يېشىنى سۈرتكەچ،
  

تاكى دوختۇر جېڭ گۇمېينى سىرتتا ساقلاپ تۇرۇشىنى،ئوغلى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىدىغانلىقىنى دېگۈچە، ئۇ ئۆزىنى زۇكام بولۇپ قالدىم دەپ قارايتتى. ئۇ چاغدا ئۆزەمنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلدىم  دېدى ئۇ.47ياشلىق بۇ يېزىلىق ئايال بىر تەرەپتىن يېشىنى سۈرتكەچ، بىر تەرەپتىن يىراقلارغا قاراپ تۇرۇپ:«ھازىر داۋالىنىۋاتىمەن.قارا، چاچلىرىم چۈشۈپ كەتتى»ئۇ بۆكىنى ئېلىپ تاشلاپ خىمىيىلىك داۋالاشنىڭ ئەكىس تەسىرىنى كۆرسەتتى. شىڭلوڭ كەنتى يۈننەن ئۆلكىسىگە جايلاشقان،سانائەت رايونىغا يېقىن.كەنتتىكى نۇرغۇن ئاھالىغا ئوخشاش،جېڭ گۇمېي ئۆزىنىڭ راك كېسىلى بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلىدۇ.«كەنتتىكى بۇلغىنىش بەك ئېغىرلاپ كەتتى،كۆپلىگەن كىشىلەر كېسەل بولۇپ قالدى».

يېقىنقى نەچچە يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ،تۆلەۋاتقان ساغلاملىق بەدىلىمۇ بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. جېڭ گۇمېيغا ئوخشاش مىساللار جۇڭگودا بارغانسېرى ئومۇميۈزلۈك بولۇپ كەتتى.1990-يىلدىن بۇيان، راك كېسەللىرىنىڭ پۈتۈن جۇڭگودىكى قوزغىلىش نىسبىتى ئېشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ،ئەڭ چوڭ قاتىل بولۇپ قالدى.2007-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا،ھەر ئۆلگەن5ئادەمنىڭ بىرى راك كېسىلى بىمارى ئىكەن.

گەرچە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئوخشاش تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا جۇڭگونىڭ بۇلغانما كارخانىلارغا بولغان تۈزەش دەرىجىسى چوڭ دەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،ئەمما نۇرغۇن ئېغىر بۇلغىما كارخانىلارنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئامالى بار بولۇپ،زاۋۇتنى نامرات،باشقۇرۇش قاتتىق بولمىغان يېزىلارغا يۆتكىدى.دۇنيا بانكىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،جۇڭگو دېھقانلىرىنىڭ جېگەر راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى دۇنيا ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 4ھەسسىگە،ئاشقازان راكى بىلەن بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى دۇنيا ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن2ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ «راك كەنتى» گە ئالاقىدار خەۋەرلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى.بۇلتۇر «سۇمرۇغ ھەپتىلىكى» تەكشۈرىشىدىن ئايان بولىشىچە،جۇڭگودا100دىن كۆپ «راك كېسەللىرى كەنتى»بار ئىكەن.ئەڭ يېقىنقى دوكلاتتا ئايان بولىشىچە،بۇ سان ئېھتىمال 400دىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

«راك كېسەللىرى كەنتى»نىڭ كۆپ قسىمى شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويى رايونى باي رايونلارغا جايلاشقان،بۇ جايلار جۇڭگودا بىرىنچى بولۇپ چەتئەلنىڭ«مەينەت ئىشلەپچىقىرىش»نى «كۆتىرەگە ئالغان» رايون.ئەمما بۇ رايونلار قىممەت زەنجىرىنىڭ چوققىسىغا چىققان ھەمدە باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن بولغاچقا،بەزى ئالامەتلەردىن قارىغاندا،بۇلغىنىش ۋە راك كېسەللىكى ئىچكىرى قۇرۇقلۇق رايونلارغا يۆتكەلگەندەك قىلىدۇ.بۇ رايونلار يا شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خەتەرلىكلىكىنى بىلمەيدۇ يا بەك نامرات بولغاچقا بۇ سودىنى رەت قىلالمىغان.

شىڭلوڭ كەنتى ھازىر ئەنسىرىمەكتە،ئېھتىمال ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار «راك كېسەللىرى كەنتى» تىزىملىكىگە كىرىشى مۇمكىن. يەرلىك كىشىلەر راك كېسەللىكىنىڭ يامرىشىنى بۇلغانما قويۇپ بېرىشنى توختاتمىغان زاۋۇتلاردىن كۆرىدۇ. سۇي شىياۋلىياڭنىڭ دېيىشىچە،كەنتتىكى سۇ ئېقىمىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، ئۇ ھاممىسى ۋە ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇ يىنخاڭ قەغەز زاۋۇتىدىن كېلىۋاتقان قورقۇنۇچلۇق قىزىل رەڭلىك كېرەكسىز سۇنى ۋە تىنىچلىق تېخنىكىسى خىمىيە سانائەت زاۋۇتىدىن كېلىۋاتقان سېرىق رەڭلىك كېرەكسىز سۇ ئېقىمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،ساغلام ئەھۋالىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى دېدى.

كەنت ئامبولاتورىيىسىدكى جاڭ جىيەنيوۋ ئۆزىنىڭ كەنتتىكى 3000 مىڭ نەپەر ئامما ئىچىدە راك كېسىلى قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلاۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى دېدى.ئۇ : «بۇلغىنىش چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەن بۇ يەردە تۇرىۋاتقىلى 47 يىل بولدى. بۇرۇن راك كېسىلى دائىم كۆرۈلمەتتى، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى راك كېسىلى ئىنتايىن گەۋدىلىك بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇلتۇر بىر يىلدا 5 راك كېسىلى بىمارى كۆپەيدى» دېدى.

يەرلىك كىشىلەر قارشىلىق بىلدۈرمەكچى بولىۋېدى، ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەت توسىۋالدى، چۈنكى خىمىيە سانائەت زاۋۇتى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىغا تۆھپە قوشقان ئىدى. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ھەر بىر كەنت ئاممىسى يۇرتىدا كىملەرنىڭ راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكىنىنى، خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى قويۇپ بەرگەن زەھەرلىك ماددىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى دەريا ئېقىمى ۋە يەر يۈزى ئىچىملىك سۈيىگە كىرىۋاتقانلىقىنى بىلىدىكەن. ئەمما كەنت ئاممىسى زىرائەتلەرنى سۇغىرىدىغان ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنى باقىدىغان باشقا سۇ مەنبەسىنىڭ يوقلىقىنى دېدى.چارۋىچىلارنىڭ دېيىشىچە،ئوندىن بىر قويى ئۆلۈپ كەتكەن. تەسىرى يەنە ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلۇق زەنجىرىگە يامرىشى مۇمكىن. باغۋەن ۋاڭ چىڭنىڭ شاپتۇللىرى خىمىيە سانائەت زاۋۇتىنىڭ يېنىدا، ئۇ شاپتۇللار گەرچە بۇلغانغان سۇ ۋە ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ،يەنىلا شاپتۇللارنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋاتقانلىقىنى دېدى، چۈنكى ئۇنىڭ باشقا كىرىم مەنبەسى يوق ئىكەن.

سانائەت رايونىنى تەكشۈرەشكە مەسئول ناھىيىلىك مۇھىت ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بۇلغانما قويۇپ بېرىشى ئېغىر بولغان شېركەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىكەن، ئەمما تەكشۈرگۈچى خادىملاردا ئۈنۈملۈك جازالاش تەدبىرى كەمچىل ئىكەن. لۇلىياڭ ناھىيىسى مۇھىت ئاسراش خادىمى سوڭ ۋۇ:«بۇ ساقچى ئوغرىنى تۇتقاندەك ئاساس ئىش ئەمەس، بىر قىسىم زاۋۇتلار بۇلغانمىلارنى ئوغرىلىقچە قويۇپ بېرىدۇ، بىر قىسىم مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىغاندا ئېتىۋېتىدۇ، بىر قىسىم كارخانىلار تەكشۈرمەيدىغانلىقىمىزنى بىلگەندە مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنى ئېتىۋېتىدۇ» دېدى.

بىراق،بۇلغىنىش سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزەمدۇ يوق دېگەن مەسىلىدە سوڭ ۋۇنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى ئېھتىياتچان ئىدى. ئۇ:« بۇلغىنىش بىلەن راك كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى بار يوقلىقىغا بىر نەرسە دېيىش تەس، چۈنكى زاۋۇتتىكى ئىشچىلاردا يۇقىرى كېسەل قوزغىلىش نىسبىتى كۆرۈلمىدى. نۇرغۇن ئەمەلدارلار مۇتەخەسىس تەكلىپ قىلىپ سېستىمىلىق تەتقىق قىلىش تەكلىپىنى بەردى، ئەمما راسخوت ۋە باشقا سەۋەبلەر بولغانلىقتىن، بىز ئۇنداق قىلمىدۇق » دېدى. مۇخبىر زاۋۇتنىڭ قويۇپ بېرىش مىقدارى ۋە سۇ سۈپىتى سانلىق مەلۇماتىنى كۆرۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلدى. جۇڭگونىڭ «ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارلاش نىزامى» غا ئاساسەن بۇ ماتىرىياللار ئاشكارلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەمما يەرلىك ئەمەلدارلار تەكشۈرۈش نەتىجىسى پەقەت ئىچكى پايدىنلىنىش ماتىرىيالى دەپ قارىغان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!