ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

داغىستاندا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

2010-يىلى10-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:jahan123.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
موسكىۋا ۋاقتى10-ئاينىڭ23-كۈنى كەچقۇرۇن،روسىيەنىڭ كاۋكاز رايونىدىكى داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاساۋيۇرت( Khasavyurt)شەھىرىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ،بىر ساقچى ئۆلگەن،12ئادەم يارىلانغان. داغىستان جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلى
  

 

موسكىۋا ۋاقتى10-ئاينىڭ23-كۈنى كەچقۇرۇن،روسىيەنىڭ كاۋكاز رايونىدىكى داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاساۋيۇرت(  Khasavyurt)شەھىرىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ،بىر ساقچى ئۆلگەن،12ئادەم يارىلانغان.
داغىستان جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە،ۋەقە يۈز بەرگەندە،ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلاتقۇچى بىر ماشىنىنى ھەيدەپ، قۇرۇلۇش يېنىدا توختىتىپ قويۇلغان ئەسكەر ۋە ساقچىلار بار ئۇرال ماركىلىق ماشىنىغا سوققان ئارقىدىن پارتىلاش يۈز بەرگەن.بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا1ساقچى ئۆلگەن،يەنە12ساقچى ۋە ئەسكەر يارىدار بولغان،ئىككىسىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.
نۆۋەتتە،يەرلىك تەپتىش ۋە رازۋېتكا ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان،ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!