‹‹يۈەندا›› گۇرۇھى 200 قەۋەتلىك دۇنيادا بويىچە 2–ئېگىز بىنانى سالماقچى

‹‹بوشلۇقتىكى شەھەر›› نىڭ ئۈنۈم رەسىمى (24–ئۆكتەبىر تارتىلغان)
24–ئۆكتەبىر ، ‹‹يۈەندا›› گۇرۇھى سالماقچى بولغان ‹‹بوشلۇقتىكى شەھەر›› نىڭ قۇرۇلۇش لايىھەسىگە خېرىدار چاقىرىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى باغچىسىدىكى ‹‹يۈەندا›› سارىيىدا ئېچىلدى . دۆلەت ئىچى– سىرتىدىكى داڭلىق قۇرۇلۇش لايىھەلەش شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى . بۇ ‹‹بوشلۇقتىكى شەھەر›› ‹‹ئارىلاش مەھەللە›› تىپىدىكى ئۇنىۋېرسال بىنا بولۇپ ، تۇرالغۇ ، ئىشخانا ، سودا ، يېمەك–ئىچمەك ، كىنو–تىياتىرخانا ، مەكتەپ ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن . بىنانىڭ لايىھەلەنگەن ئېگىزلىكى 666 مېتىر ، يەر ئۈستى 200 قەۋەت ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1 مىليون 240 مىڭ كىۋادرات مېتىر ، بولۇپ 70 مىڭدىن 110 مىڭغىچە ئادەمنى سىغدۇرالايدۇ . ئىگىلىنىشىچە ، يۈەندانىڭ ‹‹بوشلۇقتىكى شەھەر›› نى سېلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەرگىزمۇ ئاسمان–پەلەك ئېگىز بىنا سېلىشتا باشقىلار بىلەن بەسلىشىش بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ مەقسىتى قۇرۇلۇشنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە قايتىپ، بىخەتەر ۋە قۇرۇلۇش باھاسى تۆۋەن بولغان ئىجادىي تېخنىكا ۋاستىسى ئارقىلىق، ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ سېتىۋالالايدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان ھەم قاتناش ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئازايتالايدىغان شەھەر بەرپا قىلىپ، كىشىلەرنى ‹‹بوسۇغا ئاتلىماي تۇرۇپلا›› خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشقا يېقىنلىشالايدىغان قىلىش ئىكەن.

24 - ئۆكتەبىر، ‹‹يۈەندا›› گۇرۇھىنىڭ لېدىرى جاڭ يۆ شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى باغچىسىدىكى ‹‹يۈەندا›› سارىيىدا ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى