
خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس ماقالىسى: يېرىم ئارال تېلېۋىزىيەسى تور بېكىتىنىڭ 27 - ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا مىسسىسسىپى ئىشتاتىدىكى ئىككى ياشلىق ئوغۇل بالا Gavin غا يېقىندا ‹‹يۇقىرىقى نەپەس يولى ئېغىر يۇقۇملانغان، سىنۇس زەمبۇرۇغىدىن يۇقۇملانغان ۋە ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان›› دەپ دىياگنوز قويۇلغان. 15 - سېنتەبىردىن بۇيان، ئۇنىڭ قىزىتمىسى ئۇدا 39 سېلسىي گىرادۇستىن چۈشمەي، ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز يامانلاشقان. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى، دوختۇرلار، شۇنداقلا مۇھىت مەسلىھەتچىلىرى بىردەك كېسەللىك ئەھۋالىنى ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى مېكسىكا قولتۇقىغا چاچقان نېفىت پارچىلىغۇچ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىغان. Gavin نىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ سالامەتلىكىدىمۇ مەسىلە كۆرۈلگەن، مېكسىكا قولتۇقى بويىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرمۇ ئوخشاش ئازابقا دۇچار بولغان.
مېكىسىكا قولتۇقىدىكى ئېقىپ كەتكەن نېفىتنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ئاز دېگەندىمۇ 1 مىليون 900 مىڭ گاللون (سىغىم بىرلىكى) نېفىت پارچىلىغۇچ ئىشلەتكەن بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ پارچىلىغۇچلار چەكلەنگەن بۇيۇملار قاتارىغا كىرىدىكەن. پارچىلىغۇچ خام نېفىت بىلەن بىرىككەندىن كېيىن، زەھەرلىكلىكى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان مادددا ھاسىل قىلىدىكەن ھەم پارچىلانغان نېفىتقا ئەگىشىپ قىرغاققا قاراپ كېڭىيىدىكەن. ئالاباما ئىشتاتى ئانالىتىك خىمىيە سىناق تەجرىبىخانىسىنىڭ خىمىكى Naaman زەھەرلىك بىرىكمە ماددىلار تەركىبىدىكى ئارېن ھىدروكاربونلار كېسەللىك سەۋەبىنىڭ باش جىنايەتچىسى بولۇپ، راك كېسەللىكى، ئورگانىزملارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى ۋە غەيرىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارىغان.
نېفىت ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تۆت ئىشتات ــــ لۇئىسئانا ئىشتاتى، مىسسىسسىپى ئىشتاتى، ئالاباما ئىشتاتى ۋە فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بېلىقچىلارنىڭ دوكلات قىلىشىچە، ئۇلار ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئايروپىلان ۋە قېيىق بىلەن پارچىلىغۇچ چاچقانلىقىنى كۆرگەن. Naaman مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ پارچىلىغۇچلار سۇغا كىرگەندىن كېيىن، بىرىكمىلەرنىڭ ئارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم سۇدا ئېرىيدۇ، ھاۋاغا پارلىنىپ چىققاندىن كېيىن يەنە يامغۇر سۈيى بىلەن يەرگە چۈشىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ تارقىلىش دائىرىسى پۈتۈن مېكسىكا قولتۇقى رايونىنى قاپلاپ بولغان››.
بېلىقچى Marsteller مۇنداق دېدى: ‹‹مېنىڭ قۇسۇقۇم قوڭۇر رەڭلىك، سۈيدۈكۈممۇ قوڭۇر رەڭلىك. تۈن بويى تەرلەپ چىقىمەن، دائىم ئىچىم سۈرىدۇ، بەدىنىمگىمۇ نۇرغۇنلىغان ئاق رەڭلىك ئۇششاق قاپارتمىلار چىقىپ كەتتى، گېلىممۇ ئاغرىيدۇ››. ئامېرىكا مۇھىت ئاسراش مەھكىمىسىنىڭ ئانالىزچىسى Hugh Kaufman مۇ زەھەرلىك پارچىلىغۇچنىڭ تەسىرىنى دوكلات قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹بىز بەزى دېلفىنلاردا قاناش ئەھۋالى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق، يېقىن ئەتراپتا خىزمەت قىلىدىغانلاردىمۇ ئىچكى قاناش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پارچىلىغۇچتا بۇلغانغان مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن››. يېرىم ئارال تېلېۋىزىيەسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىمۇ مېكسىكا قولتۇقى بويىدا تۈرلۈك غەلىتە كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقى بايقالغان.