ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

جيا چىڭلىن شىنجاڭ تارىخىي يازما يادىكارلىقلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى قوغداش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي  بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن ‹‹ غەربىي دىياردىكى قىممەتلىك يادىكارلىقلار – شىنجاڭ تارىخىي يازما يادىكارلىقلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى قوغداش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ›› نى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا

جيا چىڭلىن ‹‹ غەربىي دىياردىكى قىممەتلىك يادىكارلىقلار – شىنجاڭ تارىخىي يازما يادىكارلىقلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى قوغداش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ›› نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 18 0– فېۋرال تېلېگراممىسى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي  بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن 18 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن ، دۆلەت كۈتۈپخانىسىغا كېلىپ ، بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ‹‹ غەربىي دىياردىكى قىممەتلىك يادىكارلىقلار – شىنجاڭ تارىخىي يازما يادىكارلىقلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى قوغداش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ›› نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى .

   بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ چېتىشلىق تارىخى ئۇزاق ، مەزمۇنى مول ۋە ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ ، چىن سۇلالىسىدىن مىڭ سۇلالىسى ۋە چىڭ سۇلالىرىغىچە بولغان 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىكى شىنجاڭغا ئالاقىدار مۇھىم يازما يادىكارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . 320  كۆرگەزمە بۇيۇمى مەملىكەتتىكى 23 يىغىپ ساقلاش ئورۇنلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ ، ھەر مىللەت يېزىقلىرىدىكى تارشا پۈتۈك ، خەت – ئالاقە ، كىلاسسىك ئەسەر ۋە نۇسخا چۈشۈرۈلگەن  قەغەز قاتارلىق 22 خىل يازما يادىكارلىق بار . بۇنىڭ ئىچىدە ، يېرىمىدىن كۆپرەكى ھازىرغىچە ساقلانغان بىردىنبىر نۇسخىسى بولۇپ ، 21 خىل يادىكارلىق ‹‹ دۆلەتنىڭ قىممەتلىك كىلاسسىك ئەسەرلىرى كاتولوگى ›› غا كىرگۈزۈلگەن ، كۆرگەزمىدىكى نۇرغۇن يازما يادىكارلىق تۇنجى قېتىم جامائەتچىلىككە ئاشكارىلانغان .

   ‹‹ غەربىي دىياردىكى قىممەتلىك يادىكارلىقلار – شىنجاڭ تارىخىي يازما يادىكارلىقلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى قوغداش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ›› نى مەدەنىيەت  مىنىستىرلىقى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ، مەملىكەتلىك كىلاسسىك ئەسەرلەرنى قوغداش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ، دۆلەت كۈتۈپخانىسى ( دۆلەت كىلاسسىك ئەسەرلەرنى قوغداش مەركىزى ) ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئورتاق ئۇستىگە ئالغان . بۇنىڭدىن بۇرۇن ، بۇ كۆرگەزمە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان .

   مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دۇ چىڭلىن ،  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىپ كۆرگەزمىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر