ئۆز خەۋىرىمىز : 21–فېۋرال ، ئەنگىلىيە ‹‹ ئىقتىسادشۇناسلار ›› ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش مۇخبىرى جامېس مىلېس( JamesMiles ) تەڭرىتاغ تورىدا زىيارەتتە بولدى . جامېس مىلېس ئىسمى جىسمىغا لايىق جۇڭگوشۇناس . ئۇنىڭ جۇڭگودا تۇرۇۋاتقىنىغا 18 يىل بولغان بولۇپ ، شىنجاڭغا نۇرغۇن قېتىم كەلگەن ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، ئۇ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى جۇڭگودا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا سەرپ قىلغان . بۇ قېتىم جامېس مىلېس شىنجاڭغا يەنە زىيارەتكە كەلدى .
جامېس مىلېس تەڭرىتاغ تورىغا كەلگەندە ، ئاۋۋال تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەنزۇچە ، ئۇيغۇرچە ، ئىنگلىزچە ، رۇسچە ، قازاقچە تور بەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى .
جامېس مىلېس تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تەسىر كۈچىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ : ‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى تورداشلار تەڭرىتاغ تورىنى كۆرەلەمدۇ ؟ كۆرۈپ چۈشىنەلەمدۇ ؟ تورنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى قانچىلىك ؟ دېگەن سۇئاللىرىغا شىنجاڭ ئېنتېرنېت تورى ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ باش مۇھەررىرى جۇ جيەنخۇا جاۋاپ بېرىپ : ‹‹چەت ئەللەردىكى تورداشلارنىڭ تورىمىزنى چېكىش نىسبىتى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئومۇمىي چېكىلىش نىسبىتىنىڭ % 15 تىنى ئىگىلەيدۇ . تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى شىنجاڭدا ئەڭ ئاۋۋال ئېچىلغان ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاخبارات تورى بولۇپ ، 2003–يىلى قۇرۇلغان ، كۈندىلىك چېكىلىش قېتىم سانى 300 مىڭ (ئادەم / قېتىم) غا يېتىدۇ ، ALEXA خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ . بۇ تور ئۇيغۇرچە ، سلاۋيانچە ، لاتىنچە ئۈچ يېزىقتا ئۇچۇر تارقىتىدۇ ›› دېدى .
جامېس مىلېس ئۆز زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ، زىيارەت ئۆيىدە تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : ‹‹ مېنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىم ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىنكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە مۇقىملىق ئەھۋالىنى ئىگىلەش ، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ھالدا ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە زىيارەتتە بولۇش ›› دېدى . ئۇ يەنە : ‹‹ ئۆتكەن يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشى يەنى ، قەشقەر ۋە قورغاستىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتتى . نۆۋەتتىكى كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى بىر تۈرلۈك ئەل رايى خىزمىتى بولۇپ ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى ئىپادىلەيدۇ ›› دېدى .
جامېس مىلېس مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن ، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارانىڭ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن ئۆزى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ : ‹‹ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولسا شىنجاڭدا ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭنى چوقۇم تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش . ھالبۇكى نۆۋەتتىكى مەسىلە قانداق قىلغاندا شىنجاڭنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا . مېنىڭچە ، يالغۇز جۇڭگونىڭ ئىچكى رايونلىرىدىكى بازارلارنىڭ شىنجاڭنىڭ سانائىتى ۋە ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىغىلا تايىنىپ قالماي ، نېفىت ، كۆمۇردىن ئىبارەت بايلىق كەسپلىرىنىمۇ كەلگۈسىدە زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم ›› دېدى .
زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، جامېس مىلېس تۇيۇقسىز بىر سۇئال سورىدى : ‹‹ ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ يېقىن قار تېيىلىش مەيدانى قەيەردە ؟ مەن ئوغلۇمنى ئېلىپ قار تېيىلغىلى باراي دېگەنتىم ›› . ئەسلىدە جامېس مىلېس شىنجاڭغا نۇرغۇن قېتىم كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ھەر قېتىم خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەچكە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدى . جامېس مىلېس بۇ قېتىمقى سەپىرىدە زىيارەت ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپلا قالماي ، يەنە ئوغلىنى ئېلىپ شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە قارلىق تاغلىرىنى كۆرۈپ تاماشا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن .