ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئامما12مىليون يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى

2011-يىلى02-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    پەخرىدىن مۇسا خەۋىرى : بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى 2 – ئاي كىرىشى بىلەن شەھەرلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىنىڭ ھەر بىرىگە 150 يۈەن، يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى ۋە ‹‹بەشتە كاپالەتلىك›› ئائىلىلەرنىڭ ھەر بىرىگە 100 يۈەن، نەپىقە ئوبيېكتلىرى ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن پارتىيەگە كىرگەن پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەر بىرىگە 180 يۈەن ياردەم پۇلى بەردى. ئۇقۇشىمچە، بۇ ئوبلاست قىيىنچىلىقى بار 96 مىڭ كىشىگە بىر قېتىمدىلا 12 مىليون 120 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقاتقان.  

    ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر سۇلايمان مۇنداق دېدى: بىز قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلدۇق. كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق. بۇلتۇردىن ھازىرغا قەدەر، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى 45 مىليون 440 مىڭ يۈەن قۇتقۇزۇش پۇلى تارقىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇلتۇر 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، ئەينى يىللاردا ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە يۇرتىغا قايتىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئايلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى 393 يۈەن، يۇرتىغا قايتقان پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئايلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى 70 يۈەن ئۆستۈرۈلدى. كېسەل سەۋەبىدىن ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتقان ئەسكەرلەر، ئۇرۇشقا قاتنىشىپ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئايلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى 100 يۈەن ئۆستۈرۈلدى.

    ئۇقۇشىمچە، ئوبلاست يەنە شەھەر – بازارلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى ۋە يېزىلاردىكى ‹‹بەشتە كاپالەتلىك›› ئائىلىلەرگە 4 مىليون 600 مىڭ يۈەن مال باھا ياردەم پۇلى تارقاتقان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!