ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

شېنجېن شەھىرىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار قەشقەر شەھىرىنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىشنى باشلىۋەتتى

2011-يىلى02-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى : 22 – فېۋرال، شېنجېن شەھىرىدىن قەشقەر شەھىرىگە كەلگەن 12 ئوقۇتقۇچى شۇ كۈنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورنىغا بېرىپ، بىر يىللىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. مەن 23 – فېۋرال قەشقەر شەھەرلىك 11 – ئوتتۇرا مەكتەپتە شېنجېن ‹‹جىبۇ›› ئوتتۇرا مەكتىپىدىن كەلگەن ئالىي دەرىجىلىك خىمىيىە دەرسى ئوقۇتقۇچىسى لى شىلىڭنىڭ مەكتەپ خىمىيە ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىغا كېلىپ، قەشقەرلىك خىزمەتداشلىرى بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردىم. ئۇ خۇشال ھالدا: قەشقەرنىڭ مىللىي خاسلىقى ئۆزگىچە ئىكەن، بۇ يەردىكى بالىلارمۇ ئەقىللىق ھەم ئوماق ئىكەن، مەن بۇ شەھەرگە كېلىپ خىزمەت قىلغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت، مەن چوقۇم بارلىق تىرىشچانلىقىمنى كۆرسىتىپ، بۇ يەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىمەن، دېدى.

    شېنجېن شەھىرى ‹‹ئېھتىياجغا ئاساسەن تاللاش، ياخشىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاش، ئەلالىرى ئىچىدىن كۈچلۈكلىرىنى تاللاش›› پىرىنسىپى بويىچە، قەشقەرگە ياردەمگە كېلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلىدى. بۇ قېتىم تۇنجى تۈركۈمدە كەلگەن 12 ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى بار ئوقۇتقۇچى يەتتە. شېنجېن شەھىرى ئېلىمىزدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇلتۇردىن باشلاپ پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، داۋالاش، ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش، قۇرۇلۇش لايىھەلەش كادىرلىرىنى قەشقەرگە ئالدىن ئەۋەتىپ، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىغانىدى. شېنجېن شەھەرلىك ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل شېنجېن شەھىرى 554 مىليون يۈەن ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجراتقاندىن سىرت، تۇنجى تۈركۈمدە 26 كەسپىي خادىمنى قەشقەر شەھىرى ۋە تاشقورغان ناھىيەسىگە بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!