ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش تىجارىتى كىرىمى70مىليون يۈەندىن ھالقىدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    غەيرەت ئۆمەر خەۋىرى : ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى دېھقان – چارۋىچىلار بۇلتۇر دۆلەتنىڭ قۇشۇمچە ياردىمىدە سېتىۋالغان تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى 32 مىڭ 908 يۈرۈشكە يەتتى. بۇنىڭدىن جەمئىي 72 مىليون 31 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىنىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشتە كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىلدى.

    بۇلتۇر ئاقسۇ ۋىلايىتىدە دۆلەتنىڭ يېزىلارغا يەتكۈزۈلگەن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا قۇشۇمچە ياردەم بېرىشتىكى سېتىۋېلىشتىن كېيىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سېتىۋېلىش ھالقىسىدا نەقلەشتۈرۈشكە ئۆزگەرتىش سىياسىتى جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ياردەم بېرىلىدىغان سايمانلىرىنىڭ تۈرى كۆپەيتىلىپ، دائىرىسى كېڭەيتىلدى. بۇ تەدبىر دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. نەتىجىدە، بۇلتۇر ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشتىن قىلىنغان تىجارەت كىرىمى تىز ئېشىپلا قالماي، يەنە دېھقان – چارۋىچىلار سېتىۋالغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ياردەم بېرىش چىقىمىنىڭ نەقلەشتۈرۈلۈش نىسبىتى %84.16 كە يېتىپ، 2009 – يىلىدىكىدىن %13 كۆپەيدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!