زۇنۇن ئابدۇۋەلى خەۋىرى : چەرچەن ناھىيەسىدە بۇلتۇر ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەتچىلىكى كۈچەيتىلگەنلىكتىن، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نېسى قالدۇرۇلغان 1 مىليون 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىش ھەققى نەقلەشتۈرۈپ بېرىلدى.
بۇ ناھىيەدىكى مەمۇرىي تەپتىش، قۇرۇلۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بۇلتۇر قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ مەبلىغىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش مەبلىغى ئەمەلىيلەشمىگەن، قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ %4 ىنى زاكالەت پۇلى سۈپىتىدە بەلگىلەنگەن بانكىغا ئامانەت قويمىغان قۇرۇلۇش كارخانىلىرىغا قۇرۇلۇش ئىجازەتنامىسى بەرمەسلىك، قۇرۇلۇش توختامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلۇش پۇلى ھېسابات قىلىنمىغان قۇرۇلۇشلارغا ئۆي – مۈلۈك ئىگىدارلىق گۇۋاھنامىسى بەرمەسلىك تەدبىرلىرىنى قوللاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئەمگەك توختامى، ئىش ھەققى مەسىلىسى قاتارلىقلار بويىچە زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا بولغان ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتتى. بۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر 525 دېھقان ئىشلەمچىنىڭ نېسى قالدۇرۇلغان ئىش ھەققى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تولۇقلاپ تارقىتىلىپ، نەقلەشتۈرۈلۈش نىسبىتى %100 كە يەتكۈزۈلدى.