جۇڭگو ئاخبارات تورى ،21–فېۋرال تېلېگراممىسى : 21–فېۋرال ، ياپونىيە دائىرىلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى 731– قىسىمنىڭ توكيودىكى باش ئىشتابى تۇرۇشلۇق جايىنى كولاپ ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەسىرلەرنى تىرىك ئادەم باكتېرىيە تەجرىبىسى قىلغان جىنايى ئىسپاتلارنى ئىزدىدى .
ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە قولغا چۈشكەن ئەسىرلەرنى تىرىك ئادەم باكتېرىيە تەجرىبىسى قىلغان جىنايىتىنى ئەزەلدىن ئېتىراپ قىلمىغانىدى . يېقىندا ، بۇ يىل 88 ياشقا كىرگەن ، ئەينى چاغدا 731– قىسىمىدا سىستېرا بولغان بىر ئايال ئەينى چاغدىكى ئۆزى قاتناشقان بۇ قەبىھ قىلمىشنى ئاشكارلىغان . شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە دائىرىلىرى 731–قىسىمنىڭ توكيودىكى باش ئىشتابى تۇرۇشلۇق جاينى كولاپ تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن .
بۇ يىل 88 ياشقا كىرگەن ئەينى بىر چاغدىكى بىر سېستېرا ئايال
بۇ ياپونىيەلىك ئايالنىڭ دېيىشىچە ، ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ، 731–قىسىم ئامېرىكا ئەسكەرلىرى توكيوغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن نەچچە يۈزلىگەن جەسەتنى كۆمۈۋېتىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغان .
تارىخشۇناسلار ۋە شاھىتلارنىڭ دېيىشىچە ، 731–قىسىم جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا نەچچە مىڭلىغان ئەسىرنى باكتېرىيە ئۇرۇشىنىڭ تەجرىبە ئەۋرىشكىسى قىلغان . بۇ تەجرىبىلەردە تىرىك ئادەمگە ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ ، ئاندىن ئۇلارنى تىرىك ھالەتتە بەدىنىنى يېرىپ كۆرگەن ۋە ئۇلارنى ئاستا–ئاستا توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈپ ، ئادەم بەدىنىنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىكى چىدامچانلىقىنى كۆزەتكەن .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، ئەينى يىللاردىكى دوختۇرخانا بىناسى ھازىر ياتاق بىناسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ ، نۆۋەتتە ، يەرنى كولاش ئۈچۈن ياتاق بىناسىدا تۇرۇۋاتقانلار كۆچۈرۈۋېتىلگەن . 1989–يىلى ، بۇ بىنانىڭ ئەتراپىدىكى يەر ئاستىدىن ئادەم سۆڭەكلىرى تېپىلغان بولۇپ ، ياپونىيە سەھىيە تارماقلىرى بۇ سۆڭەكلەرنىڭ 731–قىسىم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېگەن . ئەينى چاغدا تىرىك ئادەم باكتېرىيە تەجرىبىسى ئەۋرىشكىسى قىلىنغان جۇڭگولۇق ئەسىرلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى جەسەت سۆڭەكلىرى ئۈستىدىن DNA تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، بىراق ، ياپونىيە دائىرىلىرى بۇ تەلەپنى رەت قىلغان .
جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى 731 – قىسىم خارابىسى