ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەسەن ئانايەت خەۋىرى ، فوتوسى : بۈگۈر ناھىيە قارىباغ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى مەرھۇم نىياز يۇنۇسنىڭ ‹‹2010–يىلى جۇڭگو مائارىپ يىلىدىكى 10 ئاخبارات نامزاتى››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغانلىق خەۋىرى بۈگۈر ناھىيەسىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ھەممەيلەن مەرھۇمنىڭ بۇ شەرىپى ئۈچۈن خوشاللىنىشتى ھەم مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا كۆڭۈل بۆلدى .
2–فېۋرال كەچ سائەت يەتتىدە ، جۇڭگو مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1–قانىلىدا ‹‹ 2010–يىلى جۇڭگو مائارىپ يىلىدىكى 10 ئاخبارات نامزاتى››غا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى نەق مەيداندىن كۆرسىتىلدى ، بۇ كۈنى بۈگۈر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ نەق مەيدان پروگراممىسىنى بىر قانچە قانالدا ئۇلاپ تارقاتقان بولۇپ ، ئۆي–ئۆيلەردە كىشىلەر بۈگۈرنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ، ئاپتونوم رايون بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى، پۈتۈن جۇڭگونى زىلزىلىگە سالغان مائارىپچى مەرھۇم نىياز يۇنۇسنىڭ تەسىرلىك ئىش–ئىزلىرىنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا بولغان تونۇشى ، قايىللىق ھېسىياتى ھەسسىلەپ ئاشتى . مەرھۇم نىياز يۇنۇسنىڭ ئايالى گۈلنىسا توختى ۋە قىزى دىلنىگار نەق مەيداندا مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، رىياسەتچىنىڭ سوئاللىرىغا كۆز يېشى بىلەنلا جاۋاب قايتۇرغاندا ، مەرھۇمىنىڭ قىزى ئېكرانغا چوڭ قىلىپ ‹‹ دادا ، قەلبىمدە مەڭگۈ سىزنى قۇچاقلايمەن›› دېگەن خەتنى تىترەپ تۇرۇپ يازغاندا بولسا ، تېلېۋېزور ئالدىدا ئولتۇرغان مەنمۇ كۆز ياشلىرىمنى باشقۇرالماي قالدىم...
تېلېۋېزوردىن تارتىلغان خاتىرە سۈرەتلەر: