ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا كۆپ دۆلەت ھەربىي مانىۋېرىدىن پايدىنلىنىپ ياپونىيە جەنۇبىي كورىيەلەرنى

2011-يىلى02-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ئامېرىكا كۆپ دۆلەت ھەربىي مانىۋېرىدىن پايدىنلىنىپ ياپونىيە جەنۇبىي كورىيەلەرنىئامېرىكا كۆپ دۆلەت ھەربىي مانىۋېرىدىن پايدىنلىنىپ ياپونىيە جەنۇبىي كورىيەلەرنى ئۆزىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىستراتىگىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش مەقسىتىدە بولماقتا
 خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ مەخسۇس ماقالىسى:
ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ « ئالتۇن رەڭلىك كۆز ئەينەكلىك يىلان » ناملىق مانىۋېرغا قاتنىشىش دەرىجىسى چوڭقۇرلاشتى، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىستراتىگىيىسى بارغانسېرى كاپالەتكە ئىگە بولدى
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرلارنىڭ بىرى-« ئالتۇن رەڭلىك كۆز ئەينەكلىك يىلان » ناملىق ھەربىي مانىۋېر 2-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلىنىپ 18-فېۋرال ئاخىرلاشتى. ئامېرىكا، تايلاند، ھىندونېزىيە، سىنگاپور، مالايسىيا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيەلەردىن كەلگەن 11 مىڭغا يېقىن ھەربىي خادىم بۇ قېتىمقى مانىۋېرغا قاتناشتى، يەنە جۇڭگو، ھىندىستان قاتارلىق 10 دۆلەتتىن كەلگەن كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ۋەكىلى ھەربىي مانىۋېرنى كۆزدىن كەچۈردى. « جەنۇبىي كورىيە پېشۋالار گېزىتى » ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيەنىڭ « ئالتۇن رەڭلىك كۆز ئەينەكلىك يىلان » ھەربىي مانىۋېرىغا قاتنىشىش دەرىجىسى يىلدىن-يىلغا چوڭقۇرلاشقان.
بۇ يىلقى ھەربىي مانىۋېرنىڭ پۇرۇخ ھىدى تېخىمۇ قويۇق
ئامېرىكا « يەر شارى بىخەتەرلىكى » تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ قېتىم گۇئام ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 7-فلوتىغا تەۋە « Essex » سۇ قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان پاراخوت توپىنى « ئالتۇن رەڭلىك كۆز ئەينەكلىك يىلان » ناملىق ھەربىي مانۋېرغا قاتناشتۇرغان. 7-فىلوتنىڭ 31- يىراققا يۈرۈش قىلىش قىسىمى « Essex » ھۇجۇمچى پاراخوتى، «Denver » ناملىق قۇرۇقلۇققا چىققۇچى پاراخوتلارغا چىقىپ تايلاندقا يېتىپ كەلگەن، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە ئالاھىدە قىسىمىنىڭ دېڭىز بوشلىقىدىكى ھەركەت ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق نامايەن قىلغان.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تەمىنلىگەن سۈرەتلىك ماتىرىياللاردىن ئايان بولىشىچە، ئامېرىكا، تايلاند ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆتكۈزگەن سۇ قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان پاراخوت بىلەن چىقىش ۋە دالىدا مەشىق قىلىشى كەسكىن بولغان. 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى مانىۋېردا، بىر قىسىم ئەسكەرلەر بامبۇك نەيچىسى بىلەن قاقلانغان كۆز ئەينەكلىك يىلاننىڭ تۇخۇمى ۋە توخو تۇخۇمىنى دالا ئۇرۇشىدىكى يېمەكلىكى قىلغان؛ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمىنىڭ « 242- پۈتۈن كۈن زەربىدار ئېسكاردونى » قارمىقىدىكى F/A-18 چوڭ سېرىق ھەرە كۈرەشچى ئايروپىلانى تايلاندنىڭ بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا پەيدا بولۇپ، تايلاند ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى بىلەن مەشىق قىلغان. بىراق، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، تايلاندنىڭ ئىككى F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانى مانىۋېر ۋاقتىدا چۈشۈپ كېتىپ، مانىۋېر كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى، ئەمما بۇ مانىۋېرنىڭ كەسكىنلىك دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مانىۋېرغا قاتناشقان ئەسكەرلىرىنىڭ بەدىنىدىنمۇ « پورۇخ ھىدى » كېلىپ تۇرىدۇ. تايلاند « پاتتايا كۈندۈلۈك خەۋەرلەر » تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى مانىۋېر قوماندانى، تايلاند دېڭىز ئارمىيىسى گېنرالى Wallop Kertpon نىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ:« مانىۋېرغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتنىڭ قاراتمىلىقى ھەر قايسىسىنىڭ ئوخشىمايدۇ، مالايسىيا دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى مەشىق قىلدى، ياپونىيەنىڭ مانىۋېرغا قاتنىشىشى خەلق ئىشلىرى ھەركىتىگە قارىتىلغان، جەنۇبىي كورىيەنىڭ مانىۋېرى كۆرۈنەرلىك ئەمەلىي ئۇرۇش تۈسى ئالغان » دېگەن. خەۋەردە جەنۇبىي كورىيەنىڭ 300 ئادەم ئەۋەتىشى جەنۇب شىمال كورىيەلەرنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىلقى « ئالتۇن رەڭلىك كۆز ئەينەكلىك يىلان » ھەربىي مانىۋېرىنىڭ « ئۇرۇش ھىدى » تېخىمۇ كۈچلۈك.
ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆز يېنىغا تارتىشىنىڭ مەقسىتى چوڭقۇر
ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، « ئالتۇن رەڭلىك كۆز ئەينەكلىك يىلان » مانىۋېرىغا قاتنىشىش دەرىجىسى يىلدىن-يىلغا چوڭقۇرلاشتى.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش ئەترىتىنىڭ ئاشكارلىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى تۇنجى قېتىم « ئالتۇن رەڭلىك كۆز ئەينەكلىك يىلان » مانىۋېرىنىڭ پۈتكۈل مۇساپىسىغا قاتناشقان. 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، تايلاند ئارمىيىسى،ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئەترىتى ۋە ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيىسى بىرلىشىپ « ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇش » مانىۋېرى ئۆتكۈزگەن. مانىۋېردا، بىرلەشمە قىسىم ئالدىن بىلەن تارقاقلاشتۇرىلىدىغان ئاممىنىڭ قورال ئالمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن CH-46E دېڭىز چەۋەندازى ۋە CH-53E تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە قۇرۇقلۇققا چىققۇچى كاتىر، يەل تاپانلىق كېمىلەر بىلەن يۆتكەپ كەتكەن. خەۋەردە قارىشىچە، تايلاند، ئامېرىكا، ياپونىيە ئۈچ دۆلەت قىسىمىنىڭ ئورتاق مانىۋېر قىلىشى تەجرىبىلىرىنى ئۆز ئارا ئۆگۈنۈشكە ياردىمى بار ئىكەن.
« ئالتۇن رەڭلىك كۆز ئەينەكلىك يىلان » ئوخشاشلا جەنۇبىي كورىيەنىڭ چەتئەلدىكى ئەسكەر مەشىق قىلدۇرىدىغان مەيدانى بولۇپ قالغان. « جەنۇبىي كورىيە پېشۋالار گېزىتى » قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2002-يىلدىن 2009-يىلغىچە بولغان مانىۋېردا، جەنۇبىي كورىيە پەقەت بىر نەپەر كۆزەتكۈچى خادىم ئەۋەتكەن، ئەمما 2010-يىلى بىر قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش باتاليونى، بىر تانكا ۋە 7 دانە سۇ قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان ئۇرۇش ماشىنىسىنى ئەۋەتكەن. 2011-يىلى جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسى بۇ مانىۋېرغا ئىككىنچى قېتىم بىۋاستە قاتناشقان، جەمئىي 304 نەپەر ھەربىي خادىم ئەۋەتكەن ھەمدە ھەر قايسى تۈردىكى مانىۋېرلارغا ئاكىتىپلىق بىلەن قاتناشقان، قاتناشقان مەشىق تۈرلىرى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماي، يەنە قوماندانلىق قىلىش ۋە دالا مانىۋېرلىرىغىمۇ قاتناشقان. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ مانىۋېرلار ئاساسلىقى قاتناشقان دۆلەتلەرگە توقۇنۇش پاتقىغا پېتىپ قالغان دۆلەتنى قانداق تىنجىتىشنى چۈشەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. خەۋەردە :« جەنۇبىي كورىيە بىلەن ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئەڭ ئاساسلىق بىخەتەرلىك ئىتتىپاقدىشى بولۇپ قالدى، ئىككى دۆلەت ۋاشىڭتوننىڭ يەر شارى ئىستراتىگىيسىنى قوللايدۇ ھەمدە ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشىدا ئاكىتىپ رول ئوينىدى » دەپ قارىغان.
تەھلىللەردە، ئامېرىكا ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيەنى چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرلارغا چوڭقۇرلاپ قاتناشتۇرۇشى ئىككى دۆلەتكە « خەلقئارالاشقان ئەسكەر مەشىقلەندۈرۈش سەھنىسى » تەمىنلەپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئىككى دۆلەتنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىستراتىگىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش دېيىلگەن. « مەلۇم دۆلەتنىڭ تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرىشىگە ياردەم بېرىش » قا ئوخشاش مانىۋېرلار دەل ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردىكى ھەربىي ئارىلىشىشىنىڭ دائىملىق شەكلى. ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەركەتلەردە بىر كۈچ بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما ئىككى تەرەپلىك مانىۋېرلار باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاسانلا نارازىلىقىنى قوزغايدۇ، شۇڭا كۆپ دۆلەتلىك مانىۋېر رامكىسىدا نىسبەتەن ئاسان ھالدا مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا، گەرچە باشقا دۆلەتلەرنىڭ « ئالتۇن رەڭلىك كۆز ئەينەكلىك يىلان » ھەربىي مانىۋېرىغا قاتنىشىشى ئۆز دۆلىتىنىڭ ھەربىي ۋە ئىستراتىگىيە تەلىپىنى چىقىش قىلغان، ئەمما ئامېرىكىغا نىسبەتەن، بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ئوبدان بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ چوقۇرلىغان ھالدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا پايدىلىق. ئالتۇن رەڭلىك كۆز ئەينەكلىك يىلان بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر داۋاملاشماقتا ئامېرىكا، كورىيە، تايلاند دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق ئەترىتىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش مانىۋېرى تايلاندنىڭ ئىككى F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق 6 ئاسىيا دۆلىتى بىلەن ئامېرىكا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى
     
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر