ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مىسىر ئەمەلدارى ئىراننىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى سۇۋەيش قانىلىغا كىردى دېدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
ئىراننىڭ ھەربىي پاراخوتى سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتمەكتە فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرى : مىسىر قانال باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، ئىراننىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى 22فېۋرال سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈپ ، ئوتتۇرا دېڭىزىغا قاراپ يۈرۈپ كەتكەن . خە
  

伊朗军舰32年来首次驶入苏伊士运河(组图)

ئىراننىڭ ھەربىي پاراخوتى سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتمەكتە

 فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرى : مىسىر قانال باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، ئىراننىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى 22–فېۋرال سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈپ ، ئوتتۇرا دېڭىزىغا قاراپ يۈرۈپ كەتكەن .

 خەۋەر قىلىنىشىچە ، مىسىر ھۆكۈمىتى 18–فېۋرال ئىران ھەربىي پاراخوتىنىڭ سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈپ ، ئوتتۇرا دېڭىزىغا كىرىشىگە قوشۇلغان بولۇپ ، بۇ ئىران پاراخوتلىرىنىڭ 1979–يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈشى ئىكەن . ئىران ھەربىي پاراخوتى سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈشى ئۈچۈن 290 مىڭ فوندستېرلىڭ تاپشۇرغان . خەلق پۇلىغا سۇندۇرساق 3 مىليون 90 مىڭ يۈەن بولىدىكەن .

    ئىران ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە ، بۇ ئىككى ھەربىي پاراخوت سۈرىيەگە بېرىپ ، مەشىققە قاتنىشىدىكەن . ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاۋىگدور لېبېرمان ئىراننىڭ سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈشى ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى دەپ ئەيىبلىدى .

    سۇۋەيش قانىلى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم قاناللارنىڭ بىرى بولۇپ ، ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن قىزىل دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدۇ . بۇ قانال 1858–يىلىدىن 1869 –يىلىغىچە جەمئىي 11يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ قېزىلغان بولۇپ ، 1870–يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلانغان . سۇۋەيش قانىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ياۋروپا ، ئافرىقا ۋە ئاسىيا قىتئەسى سۇ يولى قاتنىشىغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن .

سۇۋەيش قانىلى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر