شىنخۇا تورى بېيجىڭ 22–فېۋرال تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 22–فېۋرال چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بىلەن جۇڭگوغا كەلگەن قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى . قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرلەپ ، جۇڭگو–قازاقىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى .
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى : ‹‹ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، جۇڭگو–قازاقىستان مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى . ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىسى كۈچەيدى ، سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا قوللىشىپ ، ئۆز ئارا ئىشەندى . ئىككى تەرەپنىڭ سودا ، ئېنېرگىيە ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۆرۈنەرلىك بولدى ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى كۈنسايىن كۈچەيدى . جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ، ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىم ، دوستانە بولغان جۇڭگو–قازاقىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بىزنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەس سىياسىتىمىز ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر ، بىزنىڭ بۇ سىياسىتىمىز ئۆزگەرمەيدۇ .
نەزەربايېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ‹‹ قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ قويۇق بولغان ئەنئەنىۋىي دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار . قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈشى ئاساسىدا ، ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشەندى ۋە مۇناسىۋەتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى ، ھەر قايسى ساھەلەردە زور ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ ، خەلقلەرنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى ، مۇھىم خەلقئارالىق ۋە رايون مەسىلىلىرىدە بىردەك پىكىردە بولۇپ ، ئۆز مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆز ئارا قوللىشىپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر بولغان سىياسىي ۋە قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلدى . قازاقىستان تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ .
ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ، رايونلار ۋەزىيىتى ھەمدە باشقا مۇھىم خەلقئارالىق ۋە رايون مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى .
سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى .