ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

جەنۇبىي كورىيە ئاتوم ئېنىرگىيىسى رېئاكتورىدىن رادىئاتىسيە چىقىپ كەتتى

2011-يىلى02-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  جەنۇبىي كورىيە ئاتوم ئېنىرگىيىسى رېئاكتورىدىن رادىئاتىسيە چىقىپ كەتتىجەنۇبىي كورىيە ئاتوم ئېنىرگىيىسى رېئاكتورىدىن رادىئاتىسيە چىقىپ كەتتى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 20-فېۋرال خەۋىرى: كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 02:32 ئۆتكەندە، جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئۇلنىڭ جەنۇبىغا 164 كىلومېتىر كېلىدىغان دائېجېون (Daejeon) رايونىغا جايلاشقان جەنۇبىي كورىيە ئاتوم ئېنىرگىيسى تەتقىقات ئورگىنى رادىئاتسىيە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان، خىزمەتچى خادىملار جىددىي چېكىنگەن.
جەنۇبىي كورىيە ئاتوم ئېنىرگىيىسى تەتقىقات ئورگىنى ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش نازارىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 20-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، بىر تەتقىقاتتا ئىشلىتىدىغان رېئاكتور خىزمەت قىلىۋاتقاندا رادىئاتسىيە سىرتقا چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن، 3 نەپەر خىزمەتچى جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلغان.
ئاق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش رادىئاتسىيە چىقىپ كېتىشكە ئالاقىدار ئۈچ دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇشتا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، ئادەتتە ئەسلىھە ئىچىدىكى چىقىپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ.
جەنۇبىي كورىيە ئاتوم ئېنىرگىيىسى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار مەسئولى بىلدۈرىشىچە، بىر ئورۇندىكى ئەسلىھەنىڭ رادىئاتسىيىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، ئاق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان، يادرو رادىئاتسىيىسى سىرتقى ئەسلىھەگە چىقىپ كەتمىگەن.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى      
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!