شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جوھاننېسبۇرگ، 22 – فېۋرال تېلېگراممىسى. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرى لىندىۋېي سىسۇرۇ 22 – فېۋرال كيېپتائۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: جەنۇبىي ئافرىقا دائىرىلىرى سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ھەرىكىتىگە زەربە بېرىدۇ، دېدى.
سىسۇرۇ مۇنداق دېدى: سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا دېڭىز تەۋەلىكىدە بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىۋاتىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا دېڭىز ئارمىيەسى بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرمايدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش پوزىتسىيەسى ناھايىتى قەتئىي، ھەر قانداق دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا دېڭىز تەۋەلىكىدە قۇتراپ يۈرۈشىگە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.
سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش كونكرېت ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، جەنۇبىي ئافرىقا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ‹‹مېندى›› ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى موزامبىك دېڭىز تەۋەلىكىگە ئورۇنلىشىپ، چارلاشقا ۋە ماتېرىيال توپلاشقا ھەم بۇ يەردىن ئۆتىدىغان پاراخوتلارنى قوغداشقا مەسئۇل بولدى.