جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگونىڭ يېڭى زېللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شۈ جيەنگو 24-فېۋرال مۇنداق دېدى: يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كىرىستچارچتىكى ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 10 كىشىدىن تەشكىللەنگەن قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى بېيجىڭدىن يولغا چىقتى. 25-فېۋرال سەھەردە يېڭى زېللاندىيەگە يېتىپ بارىدۇ. يېڭى زېللاندىيەنىڭ جەنۇبىي ئارىلىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر كىرىستچارچدا 22-فېۋرال چۈشتە 6.3 بال يەر تەۋرەپ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ يارىلىنىش ۋە قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە بۇ شەھەرنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت