جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
كورېيەنىڭ چاۋشيەن يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش ۋەكىلى ئامېرىكا تەرەپ بىلەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى كېڭىشىش ئۈچۈن 24-فېۋرال ۋاشىنگتونغا يۈرۈپ كەتتى. كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24- فېۋرال مۇنداق دېدى: كورېيەنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى بويىچە ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كانبىل ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن سىياسىتى ئالاھىدە ۋەكىلى بوسئوس، ئامېرىكىنىڭ ئالتە تەرەپ سۆھبىتى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى قاتارلىق ئالاقىدار كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەننىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش تۈرى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ زىيارەتكە چىقىشدىن ئىلگىرى، كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا كېڭەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ كونكرېت مەزمۇنى چاۋشيەننىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش تۈرىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا شارائىت يارىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچگە ئالىدىكەن.
ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كورېيە تەرەپ كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت