ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

لىۋىيەدىن چېكىنگەن جۇڭگولۇق پۇقرالار ساروم چېگرا ئېغىزىدىن مىسىر چېگرىسىغا كى

2011-يىلى02-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

مىسىر ۋاقتى 24-فېۋرال سەھەردە، 2-تۈركۈمدىكى لىۋىيەدىن چېكىنگەن جۇڭگولۇق پۇقرالار ساروم چېگرا ئېغىزىدىن مىسىر چېگرىسىغا كىردى ھەمدە جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن كېچىلەپ مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەگە يېتىپ باردى.

جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لۇ جىنچۇن مۇنداق دېدى: بۇ تۈركۈمدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى 372 كىشى بولۇپ، لىۋىيەدىكى جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچى خادىملىرى ۋە ئىشچىلار. باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 24-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، تۇنجى تۈركۈمدە لىۋىيەدىن مىسىرغا چېكىنگەن 43 جۇڭگولۇق ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى.

تەرجىمان: ئىلھام مامۇت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر