ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

لىۋىيە‹‹قانلىق ئىچكى ئۇرۇش››قا دۇچ كەلدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    لىۋىيەدە ئوتتۇرا شەرقتىكى داۋالغۇشتىن بۇيانقى ئەڭ پاجىئەلىك ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش 20 – فېۋرال پايتەخت تىرىپولىغىچە كېڭەيدى، 21 – فېۋرال ئۆكتىچىلەر بۇ دۆلەتتىكى 2 – چوڭ شەھەر بېنگازىنى تىزگىنلىگەنلىكىنى جاكارلىدى. كازافى مۇبارەككە ئوخشاش ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەچكە، لىۋىيە ئارمىيەسى مىسلى كۆرۈلمىگەن ‹‹باستۇرۇش ھەرىكىتى›› قوزغىدى. 21 – فېۋرال كازافى ۋېنېزۇئېلاغا كەتتى، دېگەن خەۋەر تارقالدى، لېكىن كازافىنىڭ ئوغلى شۇ كۈنى سەھەردە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلىپ، ئارمىيە ھېلىھەم دادامنى قوللايدۇ، ئەگەر ئۆكتىچىلەر داۋاملىق نامايىش قىلسا، لىۋىيە ‹‹قانغا بويىلىدۇ›› دېدى. غەرپ ھۆكۈمەتلىرى كازافىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، لىۋىيەنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئىككى باش ئەلچىسى كازافىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئىستېپا بەردى، ئەدلىيە مىنىستىرىمۇ ئىستېپا بەرگەندەك قىلىدۇ، غەرپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئوبزورلىرىدا كازافى ‹‹تۈگەشتى›› دېيىلدى. لېكىن رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇنداق قارىدى: كازافى ھاكىمىيىتىنىڭ ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر تال ئوق قالغۇچى ئېلىشىمىز›› دەپ جار سالغانلىقى ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى قورقۇتقانلىق ئەمەس، ئارمىيە ئۈچۈن كازافىغا سادىق بولۇشتىن باشقا يول يوق. لىۋىيەدىكى ‹‹ئىچكى ئۇرۇش›› بىلەن مۇبارەكنىڭ تىنچ تەختتىن چۈشكەنلىكى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ ئىككى خىل لۇشيەنىنى شەكىللەندۈردى، لىۋىيەدە بىرقانچە يۈز كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، مالىمانچىلىق ئېغىرلىشىپ كەتتى.

    ئوتتۇرا شەرقتىكى مالىمانچىلىق 21 – فېۋرال داۋاملىق كۈچەيدى، يەمەندە بىرقانچە مىڭ نامايىشچى شوئار توۋلاپ، زۇڭتۇڭ سالىھنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى. بەھرەيىندە نامايىشچىلار پايتەخت ماناما شەھەر مەركىزىدىكى ‹‹مەرۋايىت مەيدانى››غا توپلاشتى. ئامېرىكا سىملىق تېلىۋېزىيە ئاخبارات تورى ‹‹ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان›› دۆلەتلەرنى مىسالغا ئالدى، بۇ دۆلەتلەر شىمالىي ئافرىقىدىكى ماراكەشتىن تارتىپ پارس قولتۇقىدىكى ئىران قاتارلىق بىرقانچە ئون دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لىۋىيە دەل بوران – چاپقۇننىڭ ئەڭ مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان دۆلەتتۇر.

    ئەنگلىيە ‹‹مۇھاپىزەتچى›› گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: ئەڭ ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسى لىۋىيەدە يۈز بەردى، بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر رايوندىكى باشقا جايلاردا يۈز بەرگەن توپىلاڭلار تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىشقا ئايلاندى. كازافى نامايىشنى ئارمىيەگە تايىنىپ باستۇردى، ئىككىنچى چوڭ شەھەر بېنگازىدا ھەربىي، ساقچىلار ‹‹قىرغىنچىلىق›› قىلدى، دوختۇرخانىلار جەسەت بىلەن تولۇپ كەتتى. ئامېرىكا ‹‹ئىنسانىي ھوقۇق كۈزەتكۈچىلىرى›› تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە،بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن توپىلاڭدا 233 كىشى قازا قىلغان، بەزى ئۆكتىچىلەر 500 دەك كىشى قازا قىلدى، دېدى. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى مۇنداق دېدى: بېنگازىنىڭ كۆپ قىسىم رايونىنى نامايىشچىلار ئىگىلىدى. كەڭ كۆلەملىك نامايىش 20 – فېۋرال تۇنجى قېتىم پايتەخت تىرىپولىغا كېڭەيدى، مەسئۇل دائىرىلەر نامايىشچىلارغا راست ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن تاقابىل تۇردى، ئوق ئاۋازى پايتەختنى قاپلىدى.

    فىرانسىيە خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى مۇنداق دېدى: لىۋىيەدىكى باستۇرۇش تۇنىستىكى مالىمانچىلىقتىن كېيىن بولدى، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشنى ئەڭ دەھشەتلىك باستۇردى. بىراق غەرپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى: لىۋىيە ھۆكۈمىتى تور ۋە يان تېلېفون ئالاقىسىنى قاتتىق كونترول قىلغاچقا خەۋەرلەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللەش ‹‹ئاساسەن مۇمكىن بولمىدى›› دېدى.

    كازافىنىڭ ئوغلى سەيىف 21 – فېۋرال ئەتىگەندە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا پەيدا بولدى. ئۇ توپىلاڭنى چەت ئەل كۈچلىرى پىلانلىغان سۈيىقەست، دەپ ئەيىبلەپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. سەيىف زوراۋانلىق داۋاملاشسا، لىۋىيە ‹‹قانغا بويىلىدۇ›› دەپ ئاگاھلاندۇردى، چەت ئەل نېفىت شىركەتلىرى لىۋىيەدىن ئارقا – ئارقىدىن كەتتى، لىۋىيە‹‹جاھانگىرلار››تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى.

    سەيىف تېلېۋىزوردا 40 مىنۇت سۆزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن لىۋىيەلىكلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كازافى زادى قايەردە، دېگەن مەسىلىگە يەنىلا جاۋاپ بەرمىدى، كىشىلەر كازافىنى ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىكى يىغىلىشتا ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن. ‹‹مۇھاپىزەتچى›› گېزىتىدە: كازافىنىڭ ھەرىكىتى ئىزچىل سىرلىق بولۇپ كەلدى، ھازىر ئۇ ئىنقىلابتىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ توپىلاڭغا دۇچ كەلدى. ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئىلگىرىكىدەكلا سىرلىق، چۈشەنگىلى بولمايدۇ، دېيىلدى.

    ئامېرىكا گوۋۇيۇەنىنىڭ باياناتچىسى كراۋلى لىۋىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا: بىز لىۋىيەدىن تارقالغان، كىشىنى تەشۋىشكە سالىدىغان خەۋەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز، ‹‹مۇۋاپىق ھەرىكەت›› قوللىنىمىز، دېدى. رېيتېر ئاگېنتلىقى: بۇ، ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقىنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشى، دېدى.

    رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى مىسىر ۋە بەھرەيىنگە سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا كازافىغا ھېچقانداق كۆپ ئامال قىلالمايدۇ. كازافىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرغانلىقىغا قارىتا، ۋاشىنگتون بەزى جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى مۇمكىن، ھەتتا لىۋىيەنىڭ نېفىت كەسپىگە قول سېلىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ جەھەتتە غەرپ بىلەن مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ، ئامېرىكا نېفىت شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر